ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئورگانلارنى ئاسراشبەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى

بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى.

1- بەدەندە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە، باش قېيىپ، بەدەن ئېغىرلىشىپ بىئارام بولىدۇ، خۇددى بەدىنىنى ئېغىر نەرسە بېسىۋالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئاز قىزىپ سوغۇق شامالدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2- ناۋادا تىلنى قېلىن گەز باغلاپ، تىل كۆيۈشۈپ، ئېغىز چاپلاشقاق بولسا، بۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر.

3- ناۋادا چوڭ تەرەت يېپىشقاق بولۇپ، تەرەپ قاچىسىغا چاپلىشىپ قالسا، بۇ بەدەندە ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

4- قورساق ئاچمىسا ياكى ئازراقلا نەرسە يېگەندىن كېيىن ئاشقازان كۆپسە، بۇ ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

5- ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بولجۇڭ گۆشى سىرقىراپ ئاغرىسا ياكى پۇتى ئېغىرلىشىپ قالسا، بۇمۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.

6- بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كەتسە، يۈرەك سىقىلىش، نەپەس سىقىلىش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ. باش چىڭقىلىپ ئاسان چارچايدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ.

7- يۈز، دۈمبە تېرىلىرىگە ئاسان بىر نەرسە چىقىدۇ.

8- يۈز ۋە چاچلار ئاسان مايلىشىدۇ.

9- ئىچكى ياللۇغلار ئاسان قوزغىلىپ قالىدۇ.

10- بوغۇم ئاغرىقلىرى ئاسان قوزغىلىپ قالىدۇ.

Ibirayim Muhammat
تور ماتېرىيالى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ