ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺵ

0
1356
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺵ

مەلۇم بىر ژورنالدا ئاياللارنىڭ يېشىنى مۇنداق تەسۋىرلەپتۇ :

15-20 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئافرىقىغا ئوخشايدۇ . ئۇلار ئېچىلمىغان بوز يەر ، خۇددى سىرلىق تىلسىملار كۆمۇلگەندەك .

20-30 ياشتىكى ئاياللار ئامېركىغا ئوخشايدۇ .ئۇلاردا يېتىلگەن ،پىشقان ئاياللارغا خاس سېھرىي كۇچ بار .

30-35 ياشتىكى ئاياللار ھىندىستان بىلەن ياپونىيەگە ئوخشايدۇ . ئۇلار پىشقان ھەم چېنىققان بولۇپ تولىمۇ جەزبىدار .

35-40 ياشتىكى ئاياللار خۇددى فىرانسىيەگە ئوخشاش بولۇپ ،ئۇرۇش مالىمانچىلىقدا يېرىمىدىن ئايرىلىپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما يەنىلا ناھايىتى جەلبكار ھەم ھېسسىياتچان .

40-50 ياشتىكى ئاياللار گېرمانىيىگە ئوخشايدۇ .گەرچە ئۇلار ئۇرۇس ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ ئۆزىگە بولغان ئۈمىد ، ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ھالدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ .

50-60 ياشتىكى ئاياللار روسىيە زىمىنىغا ئوخشايدۇ .گەرچە ئۇ يەرنىڭ قوينى كەڭ بولسىمۇ كىشىلەر ئۇ يەرگە بېرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ .

60-70 ياشتىكى ئاياللار ئەنگىلىيىگە ئوخشايدۇ . ناھايىتى شانلىق تارىخى بولسىمۇ ئىستىقبالى چەكلىك .

70 ياشتىن كىيىنىكى ئاياللار سىبىرىيىگە ئوخشايدۇ . ئۇ يەرگە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولسىمۇ ، ئۇ يەرگە بىرىشىنى ھىچىكىم خالاپ كەتمەيدۇ .

يۇقۇرىقى ئوخشىتىشلار ماڭا بەكلا قىزىقارلىق بىلىنگەچكە ئەسنەپ ئولتۇرغان ئېرىمگە ئوقۇپ بەردىم ھەم چاقچاق قىلىپ :

_ سۆيۈملۇكۇم ،مەن ھازىر فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قاپتىمەن . دەپ بېقىگە ئەھۋالىم شۇنچە ئېچىنىشلىقمىدۇ ؟_ دېدىم . ئېرىم :

_ بىزدەك ساياھەتكە بېرىشقا مادارى يەتمەيدىغان قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىلارغا گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە كۈلۈپ قارسا تۇرسا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بارمۇ ؟_ دەپ جاۋاب بەردى .كۈلۈۋېرىپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى .

ئويلاپ باقسام ياشنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىنىڭ كارى چاغلىق ئىكەن . پەقەت ئۆز يېشىمىزغا مەردانە يۈزلىنەلىسەك ، توغرا مۇئامىلە قىلالىساق ، ھەر قاچان چېھرىمىزدىن كۈلكە كەتمەيدىكەن .

مەن ياشلىق بىلەن گۈزەللىكنى ئوخشاش دەپ قارىمايمەن ،گەپ ياشلىق بىلەن گۈزەللىكنى ئوخشاش دەپ قارىمايمەن ،گەپ ياشلىق بىلەن گۈزەللىكنى قايسى نۇقتىدىن چۈشىنىشتە ئىكەن .

20 ياشلىق قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىدا .30 ياشلىق ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئاياللىق لاتاپەتكە تويۇنغانلىقىدا .40 ياشلىق ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ سەزگۇرلىكى بىلەن باشقىلارنى چۈشۈنىشكە ماھىرلىقىدا .60-70-80 ياشلىق قەدىردانلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكى كۆمۇشتەك پارقىراق چاچلىرى ، مېۋىلىك دەرەخلەردەك كىچىك پېئىللىق بىلەن ئېگىلگەن بەللىرى ھەم يۈزلىرىدىكى ھايات كەچمىشلىرىنىڭ گۇۋاھى بولغان يېقىملىق قورۇقلىرىدا . مەن بۇلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتنىڭ ئۇلارغا بېغىشلىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىلىرى . ئۇلار ھايات قايناملىرىدا پىشىپ ،تاۋلىنىپ ، تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ سۆيۈملۈك تۈسكە كىرگەن .

مانا بۇ خىل ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان گۇزەللىككە شۇ ياشقا بارماي تۇرۇپ ئېرىشەلمەيمىز .ئەگەر بىز باشتىن تارتىپلا ئۆزىمىزنى مەنىۋى جەھەتتىن تولۇقلاشقا تىرىشساق يېشىمىزنىڭ مەيلى روسىيە ، مەيلى سىبىرىيىگە ئوخشاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ، ئازابلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق . ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك ، ئۆزىمىزنى تولۇق مۇھەببەت بىلەن سۆيسەك ھەم قەدىرلىسەك ، بىز مەڭگۇلۇك گۇزەللىككە ئېرىشەلەيمىز .

«شىنجاڭ ئاياللىرى «ژورنىلىدىن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here