جىگەر ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
تىبببىي ھەكىم ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق سەھپىسى

ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ «ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺯﺍ. ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﻧﯧﺮﯞﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ؟

ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ «ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ» ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

1. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻛﯧﻠﯩﺶ

ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﺮﯗﺑﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

 

2. ﮪﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﮪﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯨﺸﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

 

3. ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺎﺵ

ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺋﯘﻳﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻓﺎﻛﺘﻮﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺎﺵ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﻩ ﻗﺎﻥ ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻧﺎﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

 

4. ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯜﯕﯩﺰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻳﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯘﺳﯘﺵ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺘﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ،ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

 

ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯔ

1. ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭺ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

(1) ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯧﻜﻪ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ

(2) ﭼﺎﭺ ﻛﯚﭖ ﻣﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ

(3) ﭼﺎﭺ ﺭﻩﯕﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺳﯧﺮﯨﻘﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ

(4) ﺑﺎﺵ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻕ ﭼﺎﭺ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ

(5) ﭼﺎﭺ ﻳﺎﺭﻣﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﭼﺎﭺ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

2.ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

(1) ﻛﯚﺯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺶ -ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(2) ﻛﯚﺯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻛﯚﺯ ﺗﯧﻠﯩﺶ-ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(3) ﻛﯚﺯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺶ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﺵ- ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(4) ﻛﯚﺯ ﺋﯧﻘﻰ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﺶ -ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﺘﯩﻜﻰ ﮪﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

 

3.ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

(1) ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ-ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(2) ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﺵ، ﺩﺍﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ-ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(3)ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﯩﺸﯩﺶ- ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

 

4.ﻗﻮﻝ ﯞﻩ ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ

(1) ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﭼﯜﺭﯛﻛﻠﯩﺸﯩﺶ-ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

(2) ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﺍﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ-ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

(3) ﻗﻮﻝ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﻰ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ-ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

(4) ﺗﺎﭘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﻳﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﺸﻰ- ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ، ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

 

5. ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯘ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ

(1) ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ.

(2) ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﭼﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺶ-ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

(3) ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻝ ﻛﯧﻠﯩﺶ-ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

(4) ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺶ-ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

 

ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻩﺧﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ

1.ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ

ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻱ،ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘﻟﯘﻕ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

2.ﺋﯘﻳﻘﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ

ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ! ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ،ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﺧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ

3.ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭﭼﯩﺸﻰ

ﻛﯚﺯ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻪﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

4.ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ

ﺋﯜﭺ ﯞﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﯞﻩﺗﺴﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭘﻼﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 

ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ

1. ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ
ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭘﻼﺵ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

2. ﺳﯧﻤﯩﺰ ﮔﯚﺵ
ﺳﯧﻤﯩﺰ ﮔﯚﺵ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﺭﯨﻦ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﻛﺴﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﻡ-ﺧﻪﺷﻪﻙ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ-ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ. ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ.

3. ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﭼﯚﭖ
ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﭼﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺧﯘﺭﯗﭼﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯩﯔ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

4. ﺗﯘﺯﻻﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ
ﺗﯘﺯﻻﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺘﺮﯨﺖ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﻧﯩﺘﺮﻭﺯﺍﻣﯩﻦ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

5. ﻛﺎﯞﺍﭖ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺴﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻗﻼﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

6. ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﺍ ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-08 / 04:33:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ