ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىبەدىنىڭىزدىكى بۇ ئەزالارمۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ

بەدىنىڭىزدىكى بۇ ئەزالارمۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەدىنىڭىزدىكى بۇ ئەزالارمۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ

1. قان-تومۇر: سوغۇققا ئۇچرىغاندا تارىيىپ ئاسانلا چۈرۈكلىشىدۇ.

سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن قان-تومۇرلار تارىيىپ، ئاسانلا مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كەچتە بالدۇر ئۇخلاپ، قان-تومۇرلارنىڭ تارىيىشى، قان ئايلىنىشىنىڭ ئاستىلىشى، شىلىمشىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. دولانا، سۇلۇ، قارا قېرىنقۇلاق، پىدىگەن، تاتلىقياڭيۇ، سامساق، پىياز قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەندە قان-تومۇرلار راۋانلىشىدۇ.

 

2. يۈرەك: تېمپېراتۇرا پەرقىدىن ئەڭ قورقىدۇ

ئەگەر ئۆي ئىچى-سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولسا، قان-تومۇرلار ئاسانلا توسۇلۇپ، يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سىرتقا چىققاندا، باش ۋە پۇت-قولنى ئىسسىق ساقلاپ، بۆك، پەلەي، شارپىلارنى ئايرىماسلىق كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، كېچىدە ھاجەتخانىغا چىقىشتا ئۈستىگە كىيىم ئارتىۋېلىش، يۇيۇنغاندا ئاۋال مۇنچىنى ئىسسىتىۋېلىپ ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك.

 

3. ئۆپكە: ئاسانلا ئاغرىق يېپىشىدۇ

قىش پەسلىدە سوغۇق، قۇرغاق ھاۋا ئۆپكىدىن بەدەنگە كىرىدۇ. سوغۇق ھاۋا ئاسانلا يۆتەل، مەيدە سىقىلىش، ھەتتا زىققا، ئۆپكە قەپىسى قىسىلىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تېنى ئاجىزلار سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشى، چىقسا ماسكا تاقاپ، باش، كۆكرەك، دۈمبە ۋە پۇت قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

 

4. ئاشقازان-ئۈچەي: مېتابولىزم ئاستىلايدۇ

ھاۋا سوۋۇغاندا، ئاشقازانمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ئەگەر سوغۇق، خام، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازانغا ئارتۇقچە يۈك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

 

5. بۇرۇن: كېسەللىك باكتېرىيەسى بۇرۇندىن كىرىدۇ.

بۇرۇن شىللىق پەردىسى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا، ئاجرىىلپ چىقىشى ئازىيىپ، قىل-قان تومۇرلار چۈرۈكلىشىدۇ، كېسەللىك باكتېرىيەسى بىۋاستە ئۆپكىگە كىرىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى چايقاش، ھاۋا سۈپىتى ناچار كۈنلەردە ماسكا تاقاش كېرەك.

 

6. بوغۇم: ئاسان يارىلىنىدۇ

تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا، قان-تومۇرلار قىسقىراپ، مۇسكۇل ۋە تارىمۇشلارنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئاجىزلاپ، ئاسانلا زەخمىلىنىپ سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار سىرتقا ئاز چىقىشى، چىقسىمۇ تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاياغ كىيىشى، تەركىبىدە كالتسىي، ۋىتامىن د مول يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

 

7. قۇلاق: ئۈششۈككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ناچار

سىرتقا چىققاندا بۆك كىيىش، سىرتتىن ئۆيگە كىرگەندە، دەرھال قول بىلەن قۇلاقنى ئۇۋۇلاپ، ئىللىتىش كېرەك. ئەگەر قۇلاق ئۈششۈپ قالسا، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇشقا، ئىسسىق نەرسىلەرنى چاپلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

8. مەزى بېزى

سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، ئاسانلا كىچىك تەرەت كۆپىيىش، قىستاش، قورساق ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، سۇنى كۆپ ئىچىش، سۈيدۈكنى قىسىۋالماسلىق، قورساقنى دائىم ئۇۋۇلاش، ئالما، پەمىدۇر، ئاق گازىر قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

 

ئىسسىقلىق ساقلاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى:

1. باش، بويۇن، دۈمبە، پۇت، كىندىك، تىز قاتارلىقلارنى ئىسسىق ساقلاش كېرەك.

2. مۆتىدىل ۋە ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى، يەنى زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق، مۇچ، كالا ۋە قوي گۆشى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

3. كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە ئارىلىقتا 40 گىرادۇسلۇق سۇدا پۇتنى 15تىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا بەدەن ئازراق تەرلىگىچە چىلاپ بولغاندىن كېيىن، پۇتنى سۈرتۈپ، پايپاق كىيۋېلىش كېرەك.

4. بەدەن چېنقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

5. چەمى قېلىن ئاياغلارنى تاللاپ كىيىش كېرەك.

6. كەڭتاشا، راھەت كىيىملەرنى كىيىش كېرەك. چۈنكى زىيادە تار كىيىملەر قان-تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانسىزلاشتۇرۇپ، قول-پۇت مۇزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/16057194.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ