ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ھاسىل بولۇش جەريانى : ھۈجەيرىدىن تارتىپ ھاياتلىققىچە بولغان مۆجىزە

ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ھاسىل بولۇش جەريانى : ھۈجەيرىدىن تارتىپ ھاياتلىققىچە بولغان مۆجىزە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم نازۇك جەريان بولۇپ ،مېدىتسىنادا «ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى» ( Spermatogenesis ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جەريان ئاساسلىقى ئۇرۇقداندىكى ئىنچىكە نەيچە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۈتۈن جەريانغا تەخمىنەن 64 كۈندىن 72 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە پىشىپ يېتىلىشى ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى، بۇ جەريان بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن كېيىن بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىسپېرما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ھاسىل بولۇش جەريانى : ھۈجەيرىدىن تارتىپ ھاياتلىققىچە بولغان مۆجىزە

ئىسپېرمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئالدى بىلەن ئۇرۇقداندىكى ئىپتىدائىي كۆپىيىش ھۈجەيرىسى − ئىسپېرما ئىپتىدائىي ھۈجەيرىسى ( Spermatogonia ) دىن باشلىنىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەر يىپلىق بۆلۈنۈش ئارقىلىق كۆپىيىپ ،زور مىقداردىكى دەسلەپكى ئۇرۇق ئانا ھۈجەيرىسى ( Primary spermatocytes ) نى ھاسىل قىلىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈش جەريانىدا، ھۈجەيرە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆز – ئۆزىنى كۆپەيتىپ، ئىسپېرما ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرە ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ،دەسلەپكى ئۇرۇق ئانا ھۈجەيرىسى بىرىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ئىككىلەمچى ئۇرۇق ئانا ھۈجەيرىسى ( Secondary spermatocytes ) نى ھاسىل قىلىدۇ. سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش جەريانىدا، خروموسومانىڭ سانى يېرىم كېمىيىپ، كەلگۈسىدە ئۇرۇقلانغاندا، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ خروموسومى بىرىكىپ، مۇكەممەل خروموسوما گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئارقىدىنلا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇق ئانا ھۈجەيرىسى داۋاملىق بۆلۈنۈپ ئۇرۇق ھۈجەيرىسى ( Spermatids ) نى شەكىللەندۈرىدۇ ،بۇ ھۈجەيرىلەر شەكىل جەھەتتىن تەدرىجىي يېتىلگەن ئۇرۇققا يېقىنلىشىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئىسپېرما ئاساسىي قۇرۇلمىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى توشۇيدىغان باش قىسمى، ھەرىكەتلىنىش ۋە مىدىرلاشقا ئىشلىتىلىدىغان قامچىسىمان قۇيرۇق قىسمى ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان ئوتتۇرا بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ دەۋىردە يەنىلا ھەرىكەت ئىقتىدارى كەمچىل. ئۇرۇق ئۇرۇقداندا شەكىللەنگەندىن كېيىن قوشۇمچە ئۇرۇقدان ( Epididymis ) غا كىرىدۇ ،بۇ ئۇرۇق يېتىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى. قوشۇمچە ئۇرۇقداندا ئۇرۇق نەچچە كۈندىن نەچچە ھەپتىگىچە تۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ۋە سۇيۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق يېتەرلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ھەرىكەتچانلىق ۋە ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ.

ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى مۇرەككەپ ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەريان بولۇپ، ساغلام ئەرلەر ھەر كۈنى نەچچە مىليون ئىسپېرما ھاسىل قىلالايدۇ. ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇش مىقدارى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىسپېرما يېتەرلىك ھاياتىي كۈچكە، نورمال شەكىلگە ۋە ياخشى ئۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن تۇخۇم بىلەن ئۈنۈملۈك بىرىكىپ، ئۇرۇقلىنىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلى، يېمەك – ئىچمەك، مۇھىت، بېسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش ئىسپېرمىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئادەم بەدىنىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلىپ، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر يېتىلگەن ئىسپېرما قاتتىق تاللاش ۋە مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئۇرۇقلىنىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى تۇنجى قەدەم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ