بېغىش قانال ( بىلەيزۈك ) يىغىندى ئالامىتى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان نېرۋا قىسىلىش كېسەللىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ كومپيۇتېر ۋە تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىدىغان، قولى بىلەن تەكرارلانما ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغان كىشىلەردە بۇ ئەھۋال ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەللىك دەسلەپتە قولنىڭ ئۇيۇشۇشى بىلەن باشلىنىپ، ۋاقتىدا داۋالانمىسا قول ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى يەرلەردە بىلەيزۈك قانال سېندرومى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.

كېسەللىكنىڭ بىرقانچە تىلدىكى ئاتىلىشى
بۇ يىغىندى ئالامەت تېببىي ساھەدە تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە ئاتىلىدۇ:
- ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: بېغىش قانال يىغىندى ئالامىتى ، بىلەيزۈك قانال سېندرومى ، بىلەيزىك قانال يىغىندى كېسىلى
- ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Carpal Tunnel Syndrome (CTS)
- خەنزۇچە ئاتىلىشى: 腕管综合征 (Wànguǎn zònghézhēng)
- ياپونچە ئاتىلىشى: 手根管症候群 (Shukonkan shōkōgun)
- تۈركچە ئاتىلىشى: Karpal Tünel Sendromu
بېغىش قانال يىغىندى ئالامىتى
بېغىش قىسمىدا سۆڭەك ۋە پەيلەر ئارىسىدا شەكىللەنگەن تار بىر يول بولۇپ، بۇ يول بېغىش قانىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قانالنىڭ ئىچىدىن قولنىڭ سېزىمى ۋە ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولغان مۇھىم بىر نېرۋا ئۆتىدۇ. ئەگەر بۇ قانال ئىچىدىكى بېسىم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆرلەپ كەتسە، نېرۋا قىسىلىشقا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئاساسلىقى باش بارماق، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماقتا ئاغرىق ۋە ئۇيۇشۇشنى پەيدا قىلىدۇ.
كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى
بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى بىرلا سەۋەبكە باغلىق بولماستىن، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىدۇر:
- تەكرارلانما ھەرىكەتلەر: بېغىشنى ئۇزۇن ۋاقىت ئوخشاش ھالەتتە تۇتۇش ياكى تەكرار ھەرىكەت قىلدۇرۇش (مەسىلەن، خەت بېسىش، تىكىمچىلىك).
- جىسمانىي كېسەللىكلەر: دىئابېت كېسىلى، رېوماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە قالقانسىمان بېز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش.
- ھورمون ئۆزگىرىشى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەندە سۇ يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن بېغىش قانىلى تارىيىپ قېلىشى مۇمكىن.
- جاراھەت: بېغىش سۆڭىكىنىڭ سۇنۇشى ياكى چىقىپ كېتىشى نېرۋا يولىنى بىۋاسىتە قىسىپ قويىدۇ.
پاتوفىزىيولوگىيەلىك جەريانى
بۇ كېسەللىكنىڭ تۈپ مېخانىزمى ئوتتۇرا نېرۋا (Median Nerve) نىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدۇر. بېغىش قانىلى ئىچىدىكى بېسىم ئاشقاندا، نېرۋىنى تەمىنلەيدىغان قان تومۇرلار قىسىلىدۇ، بۇ نېرۋىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ بېسىم ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، نېرۋا تالالىرى زەخىملىنىشكە باشلايدۇ ۋە نېرۋا سىگناللىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە، بىمار قولىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ياكى نەرسىلەرنى تۇتالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
تېببىي تەتقىقاتلاردىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلار بېغىش قانال يىغىندى ئالامىتىنى داۋالاشتا يېڭى ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. Journal of Hand Surgery Global Online ژۇرنىلىدا 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، ئېكران ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن يۈز بەرگەن بېغىش بېسىمىنى ئازايتىشتا مەخسۇس بېغىش سوزۇش مەشىقىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ئۈنۈمى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، The Journal of Bone and Joint Surgery دا 2024-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، بالدۇر دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ستېروئىد ئوكۇلىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىش ئېھتىماللىقىنى %40 تۆۋەنلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كېسەللىكنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى
بىمارلاردا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ:
- قول ئۇيۇشۇش ۋە چىڭقىلىش: ئاساسلىقى ئالدىنقى ئۈچ بارماقتا كۆرۈلىدۇ، كېچىسى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بىمارلاردا يېرىم كېچىدە قوپۇپ قول پولاڭلىتىپ راھەتلىتىشقا مەجبۇر قالىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېرىم كېچىدە قوپۇپ دۇتتار چېلىش دەپمۇ قويىدۇ.
- ئاغرىق: ئاغرىق بېغىشتىن باشلىنىپ بىلەككىچە تارقىلىشى مۇمكىن.
- ئاجىزلىق: بارماقلاردا ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلۈپ، كۇنۇپكا بېسىشتا ، ئىنچىكە قول ئەمگەكلىرىنى قىلغاندا مەسىلەن يىڭنە تۇتقاندا ياكى كىچىك نەرسىلەرنى تۇتۇشتا قىينىلىدۇ.
- سېزىم يوقىتىش: ئېغىر ئەھۋاللاردا بارماق ئۇچلىرى تېمپېراتۇرا ياكى تېگىش سېزىمىنى يوقىتىدۇ.
كىملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟
بېغىش قانال يىغىندى ئالامىتى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلاردا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. جىنسىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا تەخمىنەن 3 ھەسسە كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاياللارنىڭ بېغىش قانىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ئەرلەرگە قارىغاندا تەبىئىي ھالدا سەل تار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياشلاردا ۋە بالىلاردا بۇ كېسەللىك ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ، ئەمما بېغىش قىسمى جاراھەتكە ئۇچرىغاندا ياكى ئالاھىدە گېنتىكىلىق ئامىللار بولغاندا بالدۇر كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.
بۇ كېسەللىك يەنە كەسپىي ئامىللار ۋە ساغلاملىق ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قولى بىلەن تەكرارلانما ھەرىكەت قىلىدىغان خىزمەتلەردە ئىشلەيدىغانلار، مەسىلەن: كومپيۇتېر خىزمەتچىلىرى، ئاشپەزلەر، تىكىمچىلەر، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە مۇزىكانتلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك، رېوماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بار بىمارلار ۋە ھورمون ئۆزگىرىشى تېز بولىدىغان ھامىلىدار ئاياللارمۇ بېغىش قانال يىغىندى ئالامىتىنىڭ يۇقىرى خەتەرلىك گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى
دوختۇرلار ئالدى بىلەن بىمارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى سوراپ كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. نېرۋا ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تەكشۈرۈش (NCV) ۋە ئېلېكترلىك مۇسكۇل سۈرىتى (EMG) نېرۋىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى ئېنىقلاشتا ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللاردۇر. بەزىدە بېغىش سۆڭىكىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈن X-نۇرى ياكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش
يېنىك دەرىجىدىكى بىمارلار ئۈچۈن بېغىشنى تۇراقلاشتۇرۇش تاختىسى (Splint) ئىشلىتىش ۋە ئارام ئالدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە ۋە نېرۋا زەخىملىنىشى داۋاملاشسا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بېغىش قانىلىنى كېڭەيتىش زۆرۈر بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت جەريانىدا بېغىشنى تۈز تۇتۇش، ھەر 30 مىنۇتتا بىر قولنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بېغىش مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
باشقا نۇقتىلار
بۇ كېسەللىك گەرچە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمىسىمۇ، ئەمما داۋالانمىسا مۇسكۇللارنىڭ ياداپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، قولىڭىزدا تەكرارلىنىدىغان ئۇيۇشۇش ياكى ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز، ئۇنى ئادەتتىكى ھارغىنلىق دەپ قارىماي، ۋاقتىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىس دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك. تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالدۇر.


