ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( Mean Corpuscular Volume ،MCV ) قاندىكى ھەر بىر قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەجمى بولۇپ، ئادەتتە fL نى بىرلىك قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) قان ئازلىق تىپى ۋە يىلىك ئىقتىدارىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن قان ئازلىقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، كىچىك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ( قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھەجمى كىچىكرەك بولىدۇ)، نورمال ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ( قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھەجمى نورمال چوڭ كىچىكلىكتە بولىدۇ ) ۋە چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ( قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ ) قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى قان ئازلىقنى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بۇ دوختۇرنىڭ قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا ھەمدە مۇناسىپ داۋالاش لايىھىسىنى تۈزۈشىگە پايدىلىق.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Mean Corpuscular Volume
خەنزۇچە ئىسمى: 平均红细胞体积
تۈركچە ئىسمى: Ortalama korpüsküler hacim
قىسقارتىلىشى: MCV
نورمال سەۋىيىسى:
ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى:80 – 100 fL
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى:80 – 100 fL
رەسىم مەنبەسى Image source
https://www.carehospitals.com/diagnostics/mcv-blood-test
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ئۆلچەش ئۇسۇلى:
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) ئۆلچەش ئادەتتە ئاپتوماتىك قان ئانالىزاتورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان ئەۋرىشكىسى ئانالىز قىلىش ئەسۋابىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەسۋاب ئەۋرىشكىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھەجىمىنى ئۆلچەيدۇ ھەمدە ھەر بىر قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەجىمىنى ھېسابلايدۇ. ھازىرقى زامان قان ئانالىزاتورى فوتومېتىرىيە ياكى سېلىشتۇرما قارشىلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمىنىڭ تارقىلىشىنى ئۆلچەپ ، ئاندىن ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) قىممىتىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. بۇ جەريان تېز، توغرا بولۇپ، ئىشەنچلىك كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ئەر – ئاياللارنىڭ سەۋىيە پەرقى:
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا ئادەتتە كۆرۈنەرلىك پەرق بولمايدۇ، نورمال دائىرىسى ئادەتتە 80 – 100 fL بولىدۇ. ئەمما ،يەككە تەندىكى پەرق ۋە فىزىئولوگىيىلىك ھالەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ،ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى قىممىتىدە داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) تۆۋەن چىقىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال فىزىيولوگىيەلىك قان ئازلىق ياكى ئوزۇقلۇق سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ،ئىرسىيەت ئامىلى ،يېمەك – ئىچمەك ئادىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ MCV قىممىتىنىڭ داۋالغۇ بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى كلىنىكىدا قوللىنىش:
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) كلىنىكىدا كەڭ قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئالدى بىلەن ،MCV قان ئازلىق تۈرىگە دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى ، ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان ئازلىقنىڭ كىچىك ھۈجەيرىلىك، نورمال ھۈجەيرىلىك ياكى چوڭ ھۈجەيرىلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولىدۇ ،شۇ ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ،ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) قان ئازلىقنى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ ،مەسىلەن:قان ئازلىقنى داۋالاش جەريانىدا ،قاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى ھۈجەيرىلەرنىڭ مىقتاردىكى ئۆزگىرىشلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن داۋالاش ئۈنۈملۈكلۈك بولغان بولمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ،MCV يەنە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ،ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بەزى ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باھالاش ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ ،مەسىلەن ،ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قان ئازلىق كېسىلى ۋە ئورغاقسىمان ھۈجەيرە قان ئازلىق كېسىلى.
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى بىنورمال كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى:
1. ۋىتامىن B12 كەمچىل بولۇش:چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى چوڭىيىدۇ (قىممەتتە يۇقىرىلاش كۆرۈلىدۇ).
2. فولىك كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش: ۋىتامىن B12 كەمچىل بولۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمىنى چوڭايتىۋېتىدۇ.
3. جىگەر كېسىلى:مەسىلەن، جىگەر قېتىشىش قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلاش: قالقانسىمان بەز ھورمۇنى يېتىشمەي، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. يىلىك بىنورمال ئۆسۈش سىندرومى: يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بىنورمال بولىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمى چوڭىيىدۇ.
6. دورىلارنىڭ تەسىرى:بەزى دورىلار، مەسىلەن، راكقا قارشى دورىلار، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى بىنورمال ئازىيىشىنىڭ سەۋەبى:
1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق: تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ھەجمى كىچىكلەيدۇ (قىممىتى ئازلايدۇ).
2. ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىقى: ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ، ھەجمىنى كىچىكلەيدۇ.
3. سوزۇلما خاراكتېرلىك قان ئازلىق: مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلاپ، ھەجمىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ.
4. قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش: قوغۇشۇن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ.
5. ۋىتامىن B6 كەمچىل بولۇش: ھېموگلوبىننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمىنىڭ كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش: ئۇزاق مۇددەت ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش تۆمۈر زاپىسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) قان تەكشۈرۈشتىكى دائىملىق تەكشۈرۈلىدىغان ۋە مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.