بوۋاقلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتىنى باھالاشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ دوختۇر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىزچىل كۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى بالىنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈشى پەقەتلا ئوزۇقلۇققا باغلانغان بولماستىن، بەلكى ئىرسىيەت، مۇھىت ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

دوختۇر تەكشۈرۈشى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرتۈش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇنجى دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ، مەلۇم بىر تەكشۈرۈش جەدۋىلى بويىچە بالىلار دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى كېرەك. تۇنجى بىر يىل، يەنى «ئالتۇن دەۋر»دە ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاچقا، تەكشۈرۈش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى تېببىي جەمئىيەتلىرى تۆۋەندىكىدەك ۋاقىت جەدۋىلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
- تۇغۇلۇپ 3-5 كۈنلۈك بولغاندا: تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش.
- 1 ئايلىق، 2 ئايلىق، 4 ئايلىق، 6 ئايلىق، 9 ئايلىق ۋە 12 ئايلىق بولغاندا: بوي، ئېغىرلىق ۋە باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەش.
- 1 ياشتىن 2 ياشقىچە: ھەر 3 ئايدىن 6 ئالغىچە بىر قېتىم.
- 2 ياشتىن كېيىن: ھەر يىلى ئەڭ ئاز بىر قېتىم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
بۇ جەرياندا بالىلار دوختۇرى بالىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ئۆلچەپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئۆلچەملىك ئۆسۈش جەدۋىلىگە كىرگۈزۈپ، بالىنىڭ ئۆز يېشىدىكى باشقا بالىلار بىلەن بولغان پەرقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆسۈش مۇساپىسىنىڭ نورماللىقىنى باھالايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز توختاپ قالسا ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ياكى يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان تەكشۈرۈش قېتىم سانلىرى دوختۇرنىڭ شۇ بوۋاق بالىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.
ئائىلىدە كۈزىتىش ۋە ئۆلچەشنىڭ ئەھمىيىتى
دوختۇرخانىدىكى رەسمىي تەكشۈرۈشلەردىن سىرت، ئائىلىدە كۈزىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلىدە بالىنىڭ ئۆسۈشىنى كۈزىتىش دوختۇرغا تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بېرىشكە ياردەم قىلىدۇ. ئائىلىدە كۈزىتىشتە تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى زىيادە كۆپەيتىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى كۈندىلىك تاماق، سۈيدۈك ۋە تەر چىقىرىش ئەھۋالىغا قاراپ كىچىك دائىرىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
- ئېغىرلىق ئۆلچەش: ئائىلىدە ھەر ئايدا بىر قېتىم، ئوخشاش ۋاقىتتا (مەسىلەن، ئەتىگەن ئاچ قورساق ۋاقتىدا) ۋە ئوخشاش كىيىم بىلەن ئۆلچەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- بوي ئىگىزلىكى: 2 ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنى ياتقۇزۇپ، 2 ياشتىن يۇقىرىلارنى تىك تۇرغۇزۇپ ئۆلچەش كېرەك. مەلۇم بىر تامغا سىزىپ بەلگە ئۇرۇپ قويۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بەدەن ئېغىرلىقىنىمۇ يېنىغا يېزىپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
- كىيىم ۋە زاكا ئۆزگىرىشى: بالىنىڭ كىيىمىنىڭ تار كېلىپ قېلىشى ياكى زاكىسىنىڭ كىچىكلىشى بالىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ تەبىئىي بەلگىسىدۇر.
- ئىشتىھا ۋە ئۇيقۇ: بالىنىڭ ئوزۇقلۇق ھالىتى ئۇنىڭ جىسمانىي ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ.
ئائىلىدە ئۆلچەنگەن سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتلارنى بىر دەپتەرگە ياكى مەخسۇس يانفون ئەپلىرىگە خاتىرىلەپ مېڭىش، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەگرى سىزىقى نى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئەگرى سىزىق بىر قېتىملىق ئۆلچەش قىممىتىدىن بەكرەك مۇھىم بولۇپ، بالىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قايسى ئەھۋاللاردا جىددىي دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟
ئەگەر سىز ئائىلىدىكى كۈزىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايقىسىڭىز، قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋاقتىنى كۈتمەستىن دوختۇرغا بېرىشىڭىز كېرەك:
- بالىنىڭ ئېغىرلىقى 2-3 ئايغىچە تۇراقلىق تۇرۇۋالسا ياكى تۆۋەنلەشكە باشلىسا.
- بالىنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئۆز يېشىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىنمۇ تۆۋەن بولسا.
- بالىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى (ئۆمىلەش، ئولتۇرۇش، مېڭىش) ئۆسۈش بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلمىسا.
- بالىدا ئىزچىل ئىشتىھاسىزلىق، كۆپ قۇسۇش ياكى س سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە.
بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۈزىتىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك جەريان. ئاتا-ئانىلار سۈرئەتكە ئەمەس، بەلكى سۈپەتكە ۋە ئىزچىللىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈش رېتىمى بولىدۇ، شۇڭا باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ جىددىيلەشمەستىن، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئەڭ توغرا تاللاشتۇر.


