جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە نىسبەتەن بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداق بولسا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى
بىرىنچى: تۇيۇقسىز بالىنىڭ سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ، نەچچە يىلدىن بىرى كارىۋىتىغا سىيمەيدىغان بالا تۇيۇقسىزلا ئۇدا نەچچە قېتىم كارىۋىتىغا سىيىپ قۇيۇشتەك ھادىسە يۈز بىرىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ سۈيدۈك قان قەنتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئىككىنچى: كۆپ قېتىم ئۇسساش ھادىسىسى يۈز بەرسە، بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە تولا ئۇسساپ سۇ ئىچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە.
ئۈچىنچىدىن: تۇيۇقسىز ياداپ كەتسە، بالىلار ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلدە بولغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ بېرىشى كېرەك، تۇيۇقسىز بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىسا بولمايدۇ.
تۆتىنچىدىن: روھسىز، كۈچسىز. بالىلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بولسا ھەرىكىتى كۆپ، كەپسىز ۋاقىتلىرى، بىراق بالىڭىزدا سىرتقا چىقىپ باشقا بالىلار بىلەن ئويناشنى ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان، جىمىغۇر، روھسىز، روھى ھالىتى چۈشكۈن قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا ئۇنداقتا بۇ بالىڭىزنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بەشىنچى: تاماق مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، ئادەتتە بالىلار كۆپ يەيدىغان بولۇپ كەتسە ئاتا-ئانىلار بۇ دېگەن بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلى بۇنداق كۆپ تاماق يېيىشى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ، بىراق بۇنىڭغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئالتىنچى: ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىش، بىرەر يېرى يۇقۇملىنىپ قالسا ئاسانلىقچە ئەسلىگە كېلەلمەسلىك. Ⅰتىپلىق دىيابېتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا-يۇقۇملاندۇرغۇچى مىكروبلار ئىنسۇلىن ئاجرالمىلىرى كەمچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەتتىنچى: كۆپ قېتىم ئىچى سۈرۈش ۋە ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاسانلا خاتا دىياگنوزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى ئاساسەن ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى دەپ دىياگنوز قۇيۇش ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدۇ-دە؛ ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.