ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىبوۋاق تۇغۇلۇشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئانا قورسىقىدا زادى نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

بوۋاق تۇغۇلۇشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئانا قورسىقىدا زادى نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بوۋاق تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدا ھامىلىدار ئانىلا يالغۇز جەڭ قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بوۋاقمۇ بالدۇرراق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش، يورۇق دۇنيادىكى يېڭىچە ھاياتقا ئۇلىشىش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تۇغۇلۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئانا قورسىقىدا زادى نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

بوۋاق تۇغۇلۇشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئانا قورسىقىدا زادى نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

كونىلار «ئانا-بالا رىشتىسى بىر تۇتاش» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان، تۇغۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشلاپ تۇغۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا توختىماستىن ئانىغا بەلگە بېرىدۇ ۋە تۇغۇلۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ:

 

1. تۇغۇلۇش ئالدىدىگە بەلگىلەر:

بوۋاق تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا ھامىلىدار ئانىدا باش سۈيى يېرىلىش، قىزىل بەلگە كېلىش، ياكى رېتىمسىز ھالدا قورساق مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاق تۇغۇلۇش ئالدىدا ئانىسىغا بەرگەن بەلگىلەر بولۇپ، بوۋاق ئانىسىغا تۇغۇت يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، تېزرەك دوختۇرخانىغا بېرىشىنى ئەسكەرتمەكچى بولىدۇ.

 

2. بالىياتقۇ قىسقىراش:

تۇغۇت ئالدىدىكى بەلگىلەردىن بالىياتقۇنىڭ رېتىملىق قىسقىرىشى تولغاققىچە بوۋاق توختىماي مىدىرلاش، ھەرىكەت قىلىش، توختىماي بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاستا-ئاستا تۇغۇلۇپ چىقىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.

 

3. بالىياتقۇ ئېغىزى 10 بارماققىچە ئېچىلىدۇ:

بوۋاق ئانىسىنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ كەڭ-تارلىقىغا ئاساسەن بەدىنىنى تەڭشەيدۇ، قولى بىلەن مۈرىسىنى مەھكەم تۇتقىنىچە ئىككى پۇتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يىغىدۇ، ئۆزىنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلگۈچە تۈگىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىشكە تېرىشىدۇ.

 

4. تۇغۇلغان ۋاقىتتا بولسا:

بالىياتقۇ كۈچلۈك قىسقىراشقا باشلىغان ۋاقىتتا بوۋاق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئانىسىغا ماسلىشىپ بالىياتقۇ ئېغىزىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ.

بالا تۇغۇش جىسمانىي ئەمگەك بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخنىكىلىق ئەمگەك، شۇڭا ئانا بولغۇچى بالدۇرراق تۇغۇپ بالىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىدۇ ۋە نەپەس ئالىدۇ. ئەگەر تۇغۇت جەريانىدا ئانىنىڭ كۈچى يېتىشمەي ياخشى ماسلىشالماي قالسا، ئامال يوق ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6215017.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:56:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ