سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر يېمەكلىككە دىققەت قىلمىغاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل مېۋىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بولمىسا قان قەنتى يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللاردا قان شېكىرى يۇقىرى بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى %15-%30كىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇتى قىيىنلىشىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلىلا كۆپ.
شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ بەزى مېۋىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
1. ئاناناس
چۈچۈمەل تەملىك ئاناناس ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى. قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغاندىن سىرت، ئاقسىل ئېنزىمى ۋە ئالكالوئىدمۇ ئاناناستىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماددا بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ھامىلىدار ئاياللاردىكى زىيادە سەزگۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ئاناناس يېگەندە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ھۆل تەمرەتكە، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق سەزگۈر كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
2. قوغۇن
قوغۇن تىلغا ئېلىنسا ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز قوغۇننىڭ تاتلىق تەمى، گەرچە قوغۇننىڭ تەمى تاتلىق، يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاز يېگىنى ياخشى. قوغۇننى كۆپ يېيىش يۇقىرى قان قەنتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانىنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
3. شېكەر قومۇشى
شېكەر قومۇشتىن قەنت ئايرىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قەنت مىقدارىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شېكەر قومۇشى سېتىۋالغاندا ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشى كېرەك، قىزىل چېكىتلەر بار ۋە داغلىرى بار كۆكىرىپ قالغان شېكەر قومۇشىنى ھەرگىز سېتىۋالماسلىق كېرەك. بۇنداق شېكەر قومۇش بىزنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەتتا ھامىلىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بازاردىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان شېكەر قومۇشى شەربىتىنى قالايمىقان ئىچىشكە بولمايدۇ.
4. لىجى مېۋىسى (荔枝)
لىجى مېۋىسى ئاياللار ياقتۇرۇپ يەيدىغان قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مېۋىلەرنىڭ بىرى. قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇدا ئېرىشچان ئاقسىلنىڭ مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھامىلىدار ئاياللار لىجى مېۋىسى ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرى يۇقىرىلاپلا قالماستىن، يەنە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، گال ئاغرىپلا قالماي، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇ ھالدا يەنە ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ.
5. تاۋۇز
ياز پەسلىدە تاۋۇز سېتىۋېلىپ يېگەندىكى تۇيغۇ ئىنتايىن پەيزى، لېكىن ھامىلىدار ئاياللار ئىستېمال قىلىدىغان تاۋۇزنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆپ يەۋەتسە، قان قەنتىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە پات-پات سىيىش، سۈيدۈك كۆپ كېلىش سەۋەبلىك كۆپ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
6. چىلان
چىلان قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، مۇتلەق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە. ئەمەلىيەتتە چىلاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرىدىكى ھەرقانداق مېۋىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر قانچە يېيىشلىك چىلان بولسىمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئاز يېيىش، بىر كۈندە ئىككى قېتىم، بىر قېتىمدا بىر-ئىككىنى يېسە بولىدۇ.
يۇقىرىقىلار ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاز يېيىشى تەۋسىيە قىلىنغان مېۋىلەر، بارلىق ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17767963.shtml