ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركۆز كېسەللىكلىرىبۇ ئادەتلىرىڭىز كۆز ساغلاملىقىڭىزغا زىيان سالماقتا

بۇ ئادەتلىرىڭىز كۆز ساغلاملىقىڭىزغا زىيان سالماقتا

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارىدا قارىغۇ ئادەم سانى 37 مىليوندىن ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن ئادەم سانى 124 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسىم كېسەلنى داۋالىغىلى ياكى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. 2000-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى (国际防盲协会) بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنىنى «دۇنيا كۆز ئاسراش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە كۆپچىلىكنى كۆز ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرغان.

بۇ ئادەتلىرىڭىز كۆز ساغلاملىقىڭىزغا زىيان سالماقتا
تۆۋەندىكى كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان ئادەتلەر سزدىمۇ بارمۇ؟

1. چىراغنى ئۆچۈرۈپ كومپيۇتېر ۋە تېلېفونغا قاراش.

2. ئۇزۇن مەزگېل يېقىن ئارىلىقتىكى نۇقتىغا تىكىلىپ قاراش.

3. دائىم كۆزىنى ئۇۋۇلاش.

4. ئۇزۇن مۇددەت يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاش.

4. كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش.

يۇقىرىقى ياخشى بولمىغان ئادەتلەرنىڭ ئىككىدىن ئارتۇقى سزدە بولسا كۆز ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

 

ئىلمىي كۆز ئاسراشتىكى تۆت مۇھىم نۇقتا.

1. كۆز بىلەن جىسىمنىڭ ئارىلىقىغا دىققەت قىلىش.

ئادەتتە كىتاب ئوقۇغاندا ۋە خەت يازغاندا كۆز بىلەن كىتابنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 33.3 سانتىمېتىر بولۇشى بەدىنىڭىز بىلەن ئۈستەل ئارىسىدا تەخمىنەن بىر مۇش پاتقىدەك ئارىلىق قېلىشى، قەلەم تۇتقاندا قەلەمنىڭ ئۇچىدىن، قەلەم تۇتقان ئىككى بارماققىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 3.3 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك. كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ئېكران بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى 50 سانتىمېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. تېلېۋىزور كۆرگەندە تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىق ئۈچ مېتىردىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

2. ئەتراپتىكى مۇھىتقا دىققەت قىلىش.

يول ماڭغاندا، تاماق يەۋاتقاندا ۋە ياتقاندا تېلىفۇن ئوينىماسلىق، غۇۋا يورۇقلۇقتىكى مۇھىتتا ۋە كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك.

3. كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى توغرا تاللاپ ئىشلىتىش.

«سۈنئىي ياش سۇيۇقلۇقى» (人工泪液) كۆز دورىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ دورا ئاساسلىقى تەبىئىي ياش سۇيۇقلۇقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، كۆز قۇرغاقلاشقاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى بولمىسا ۋە نورمالسزلىق كۆرۈلسە ئىشلىتىشنى توختىتىپ دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش تۈرىدىكى كۆز دورىسىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ خىلدىكى كۆز دورىسى تەركىبىدە ئانتىبىئوتىك (抗生素) تەركىبلەر بار بولۇپ، قالايمىقان ئىشلەتكەندە كۆزنىڭ دورىغا بولغان سەزگۈرلۈكنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

4. يوشۇرۇن كۆزەينەكنى توغرا تاقاش.

ئادەتتە بىر كۈندە يوشۇرۇن كۆزەينەكنى تاقاش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم يوشۇرۇن كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىش. يوشۇرۇن كۆزەينەكنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

كۆز ئاسراشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە ئەستايىدىل ئىشلەش، كۆزنى كۆپرەك يۇمۇپ ئېچىپ بېرىش ۋە يىراققا قاراپ بېرىش كېرەك. كۆزنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە كۆز ئاسانلا قۇرغاقلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ، يىراققا قاراپ بەرگەندە كۆزدىكى بىئارام بولۇشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

ئىسسىق لۆڭگىنى كۆزگە چاپلاپ بېرىش. لۆڭگىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ كۆزگە چاپلاپ بەرگەندە كۆزنىڭ قۇرغاقلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆز قەرەلىدە كۆز ساغلاملىق تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. كۆزئەينەك تاقايدىغانلار كۆزىنى ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ۋە كۆزئەينىكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ