توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغى كۆز كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، كېسەل بولۇش يېشى ناھايىتى كەڭ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ۋە كونترول قىلىنمىسا، نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئەما بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
1. مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، بولۇپمۇ رېماتىزم، رېماتوئىدلىق، تۇبېركۇليوز، دىئابېت كېسىلى، بېسسېر كېسىلى قاتارلىق پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ياكى بۇ خىل كېسەللىك جەمەت تارىخى بارلاردا كۆزى قىزىرىش، كۆزى ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆز ئالدىدا قارا سايە پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، كېسەللىك جەريانى مۇرەككەپ، داۋالاش ئۇسۇلى كۆپ خىل، شۇڭا دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدا زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى، قارىغۇلارچە داۋالىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
3. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، ساغلام، پاكىز تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك. پىشۇرۇلمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17879012.shtml