ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركۆز كېسەللىكلىرىكۆز تۇيۇقسىز چىڭقىلىش ۋە باش ئاغرىشنىڭ بىر سەۋەبى

كۆز تۇيۇقسىز چىڭقىلىش ۋە باش ئاغرىشنىڭ بىر سەۋەبى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇيۇقسىز كۆزىڭىزنىڭ چىڭقىلىپ بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىدىنمۇ ؟

گىلاۋكوما يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆز كېسەللىكىنىڭ بىرى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، گلاۋكوما بارغانسېرى كىشىلەرنىڭدىققىتىنى تارتماقتا، بولۇپمۇ گلاۋكوما ئېلىپ كەلگەن كۆز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كۆرۈش نېرۋىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ھەتتا ئەما قىلىپ قويىدۇ، بۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

قىسمەن گىلاۋكومانىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى فېڭ چىڭياڭ دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گىلاۋكوما ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بىرلەمچى ئوچۇق بۇلۇڭلۇق گىلاۋكوما، بىرلەمچى يېپىق بۇلۇڭلۇق گىلاۋكوما، ئىككىلەمچى گىلاۋكوما، تۇغما گىلاۋكوما دەپ ئايرىلىدىكەن.

جىددىي خاراكتېرلىك يېپىق بۇلۇڭلۇق گلاۋكومادا كۆز چىڭقىلىش، كۆز ئاغرىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ياش تۆكۈش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئوچۇق بۇلۇڭلۇق گىلاۋكوما ۋە سوزۇلما يېپىق بۇلۇڭلۇق گىلاۋكوما كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاڭلىق ئالامەت بولمايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغائەگىشىپ نەرسىلەرنى كۆرۈشى غۇۋالىشىش، كۆز چىڭقىلىش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاخىرقى مەزگىلدە گۇگۇم قارىغۇسى بولۇش، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ئىككىلەمچى گلاۋكوما كۆزگە ئاق چۈشۈپ كۆز گۆھىرى كۆپۈش، ئۇزاق مۇددەت ھورمۇن ئىشلىتىش، تاشقى زەخىملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان گلاۋكوما بولۇپ، گلاۋكومانىڭ تىپىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسانلا گلاۋكوما بولۇپ قالىدۇ؟

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ گلاۋكوما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما ئاساسلىقى 50 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، بولۇپمۇ مىجەزى چۇس كىشىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، جەمەتىدە گلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بارلار ھوشيار تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ گلاۋكوماغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

كۆز بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كۆرۈش نېرۋىلىرىنى ئاسراپ داۋالاش كەم بولسا بولمايدۇ

ئەگەر تۇيۇقسىز كۆز چىڭقىلىش، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈپ، تەپسىلىي تەكشۈرتۈپ، گىلاۋكوما شۇ – ئەمەسلىكىگە دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك، ئەگەر گىلاۋكوما دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆز بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كۆرۈش نېرۋىلىرىنى ئاسراش داۋالىشىئېلىپ بېرىپ، ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىپ، ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر كۆز بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، كۆرۈش نېرۋىسى داۋاملىق زىيانغا ئۇچرىسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئويلىشىش كېرەك ئىكەن. كۆز بېسىمى كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بېسىمنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆز ئىچىدىكى نەرسىلەر ( دالانچە سۈيى، كىرىستال تەنچە، ئەينەك تەنچە ) نىڭ كۆز شارچىسى دىۋارىغا بولغان تەكشى بېسىمىنى كۆرسىتىدىكەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا mmHg10 ~ 21 بۇ دائىرىدە مۇقىملىشىپ، كېچە – كۈندۈزدە بەزى ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت بولىدىكەن. نورمال ئەھۋالدا، دالانچە سۈيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە چىقىرىلىشى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرىدىكەن، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، كۆز بېسىمى داۋاملىق ئۆرلىگەندە، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان مېخانىكىلىق بېسىش ۋە كۆرۈش نېرۋىلىرىغا قان يېتىشمەسلىك كۆرۈش نېرۋىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن، كۆرۈش نېرۋىلىرى قايتا ھاسىل بولمىغاچقا، كۆرۈش ئىقتىدارى زەخىملىنىدىكەن.

مەسئۇل تەھرىر: ئەركىنجان
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-18 / 08:35:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ