سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۆۋەندىكى يامان ئادەتلەر سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاراپ بېقىڭ، سىزدە بۇنداق ئەھۋال بارمۇ؟
1. سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك، ئۇسسىغاندا ئىچىملىك ئىچىش
سۇ بەدەندىكى ماددا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، ياغنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكمۇ تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى ۋە قېرىشنى تېزلىتىدۇ.
2. توختىماي تاماق يېيىش
ئادەتتە ئۈچ ۋاق تاماقتىن باشقا، ئەگەر سىز يەنە ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، بەدەن ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.
3. تاماق يېيىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇش
بەزى كىشىلەر ئاچ بۆرىدەك تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىش مىقدارى ئادەتتە يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتقانلارنىڭكىدىن %10 ئەتراپىدا كۆپ بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.
4. ناشتا قىلماسلىق
كىشىلەر ناشتا قىلمىسا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەتىگەنلىك تاماقنى ۋاقتىدا يېگەندە ماددا ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلاپ، سىزنى يېتەرلىك بەدەن ئىقتىدارى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت رىتىمىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، چۈشلۈك تاماق مىقدارىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كونترول قىلىنىدۇ. شۇڭا مەيلى ئورۇقلايلى ياكى ئورۇقلىمايلى، بىز ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ھەرگىزمۇ ناشتىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.
5. ئۇزاق ئولتۇرۇش
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مېتابولىزم ئايلىنىشى يۇقىرى ۋە بەدەن ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىمۇ ياخشى بولىدۇ، سەمرىپ كېتىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
ئادەتتە خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان كىشىلەر ھەر بىر سائەتتە 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىش ۋە يەر بېغىرلاش ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش مەشىقى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17868702.shtml