توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاماق يېگەندە تىلىنى چىشلىۋېلىش كۆپ ساندىكى كىشىلەر باشتىن كەچۈرۈپ باققان ئىش، ئەمما تېلىنى چىشلىۋالغاندىكى شۇ ئاغرىقتىن ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كېلىدۇ. ھەر قېتىم تېلىنى چىشلەپ سالغاندا، ئائىلىدىكى چوڭلار دائىم «گۆش يېگۈڭىز كەپتۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماق يېگەندە تىلىنى چىشلىۋېلىش تاماق يېيىش ئادىتى بىلەن ياكى ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى بولۇش ئېھتىماللىقى بار. تاماق يېگەندە تىلىنى چىشلەشنىڭ تۆۋەندىكى تۆت خىل سەۋەبى بار.
1. بىر تەرەپتىن يەپ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىش. چايناش جەريانىدا، چىش بىر خىل ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدۇ، تىلىمۇ جىم تۇرمايدۇ. ئەگەر تاماق يەپ تۇرۇپ پاراڭلىشىپ قالغاندا، دىققىتىمىز پاراڭدا بولۇپ كېتىپ، چىشىمىز تىلغا تېگىپ كېتىش سەۋەبىدىن تىل چىشلىنىپ كېتىدۇ.
2. تاماقنى بەك تېز يېيىش. نەرسە يېگەندە بەك تېز يېگەنلىكتىنمۇ تىل، كالپۇكلارنى چىشلىۋېلىش مۇمكىن.
3. چىشنىڭ ئۇپرىشى. ئاستى-ئۈستى چىشلارنىڭ رەتسىز بولۇپ قېلىشىدىن، نەرسە يېگەندە، دائىم ئىشلىتىلگەن چىشلار نورمال چىشنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئۇپرىشى بىلەن سىلىق بولۇپ كېتىدۇ، ئىشلىتىلمىگەن چىشلار ئۇپرىماي تۇرۇپلا بىر قەدەر ئۇچلۇق بولۇپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تىلنى ئاسانلا چىشلىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
4. بىر تەرەپتە چايناشقا ئادەتلىنىش. نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندە پەقەت بىر تەرەپتىكى چىشى بىلەن يېمەكلىكنى چايناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سول ۋە ئوڭ تەرەپتىكى ئىككى قاتاردىكى چىش ئۇچرايدىغان كۈچ تەكشى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دىققەت قىلمايلا تىلىنى چىشلەپ سېلىشى مۇمكىن.
دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسى بۇلىشى مۇمكىن.
تىلىمۇ چوڭ مېڭىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئەگەر دائىم تىلنى چىشلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم مېڭىدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ چىققانلىقىدىن، تىلنىڭ ھەرىكىتىدە نورمالسىزلىق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. دائىم تىلىنى چىشلىۋالىدىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈرەك ـ قان تومۇرى جەھەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
سەكتە كېسىلى تىل ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋىلارنى زەخىملەندۈرۈپ، تىلنىڭ قولاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا تىلنى چىشلىۋېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق يېگەندە، سۇ ئىچكەندە دائىم قېقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن .
كىلىنىكىدا بىر خىل ئالاھىدە مېڭە تىقىلمىسى بار بولۇپ، « كاۋاكچە مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە تىلنى چىشلىۋېلىش، سۇ ئىچكەندە قېقىلىپ كېتىش، يېنىك دەرىجىدە باش قېيىش، باش ئاغرىش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە چوقۇم ۋاقتىدا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، خەتەرلىك ئامىللار (قان بېسىم، سېمىزلىك، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىقلار)نى كونترول قىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17933323.shtml