سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چاي تەركىبىدە چاي پولىفېنولى بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ، ماينى پارچىلاشقا ياردەم بېرىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. گەرچە چاي ئىچىشنىڭ بەلگىلىك پايدىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى خىل چاينى ھەرگىز ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا بۆرەك، ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ.
1. قېنىق چاي
قېنىق چاي بەدەنگە يەتتە چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
(1) قېنىق چاي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فىتور بار بولۇپ، كۆپ مىقداردا فىتور قوبۇل قىلىنسا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، فىتورنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەككە بولغان زىيىنىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
(2) قېنىق چاي تەركىبىدە تېئوفىللىن ۋە كوفېئىن كۆپ بولۇپ، ئاشقازان دىۋارى ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى داۋاملىق غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق ۋە شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تېشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(3) ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئاجىز، ئەگەر قېنىق چاي ئىچسە چوڭ مېڭىدىكى مەركىزىي نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ۋە يۈرەك سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
(4) قېنىق چاي تەركىبىدە كوفېئىن بەك كۆپ بولۇپ، كوفېئىن ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ كالتسىي ئېلېمېنتىنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە كالتسىي كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(5) تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بىر ئىستاكان قېنىق چاي تەركىبىدىكى كوفېئىننىڭ مىقدارى 100 مىللىگىرامغا يېتىدىكەن، بۇنداق كۆپ مىقداردىكى كوفېئىن مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا نېرۋا ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(6) قېنىق چاي تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بەك كۆپ بولۇپ، بەدەننىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
(7) قېنىق چاينىڭ تەركىبىدە تېئوفىللىن ۋە تاننىن بار بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش دورىسى، تۆمۈر تەركىبلىك قان تولۇقلاش دورىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلسە خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ.
2. تېمپېراتۇرىسى ℃65تىن ئېشىپ كەتكەن قىزىق چاي
تېمپېراتۇرىسى ℃65تىن ئېشىپ كەتكەن ئىچىملىكلەر 2A تۈرىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن: قايناق سۇ، چاي، ھەر خىل شورپا ۋە قەھۋە قاتارلىقلار. قىزىلئۆڭگەچنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى شىللىق پەردە ئىنتايىن نازۇك ھەم ئاجىز بولغاچقا، بەك قىزىق ئىچىملىكلەر قىزىلئۆڭگەچنىڭ شىللىق پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ.
تېمپېراتۇرىسى ℃65تىن ئاشىدىغان چاينى كۆپ ئىچسە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى ئۈزلۈكسىز زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ راكقا ئۆزگىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى راكى، ئاشقازان راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى ئىككى خىل چاينى ئىچىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاچ قورساق ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاشقازان بىئارام بولۇش ۋە باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەت ئىچىدە چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17844687.shtml