دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىسقا ئۇچۇرلارچېقىلىۋاتقان بىنادىن چۈشكەن بېتون پارچىسى 6 ياشلىق قىزچاق ھاياتىغا زامىن بولدى

چېقىلىۋاتقان بىنادىن چۈشكەن بېتون پارچىسى 6 ياشلىق قىزچاق ھاياتىغا زامىن بولدى

2026-يىلى 1-ئاپرېل سائەت 15:00 ئەتراپىدا، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى نۇرىپاشا مەھەللىسىدە  بىر پاجىئە يۈز بەردى. كونا بىنالارنى يېڭىلاش، يەنى شەھەرنى قايتا قۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېقىش خىزمىتى جەريانىدا، بىنادىن چۈشكەن چوڭ بىر بېتون پارچىسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر بالىنىڭ بېشىغا چۈشتى.

چېقىلىۋاتقان بىنادىن چۈشكەن بېتون پارچىسى 6 ياشلىق قىزچاق ھاياتىغا زامىن بولدى

 

ئىگىلىنىشىچە، 6 ياشلىق ت.ئۇ. (T.U.) ئىسىملىك قىزچاق ئاپىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ پىيادىلەر يولىدا مېڭىۋاتقان بولۇپ، دەل شۇ پەيتتە چېقىلىۋاتقان بىر بىنادىن تۇيۇقسىز بىر پارچە بېتون ئايرىلىپ چۈشكەن. بېتون پارچىسى كىچىك قىزچاقنىڭ بېشىغا ئېغىر زەخىم يەتكۈزگەن. ئەتراپتىكى كىشىلەر دەرھال ياردەمگە كەلگەن ۋە 112 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە خەۋەر بەرگەن. ۋەقە جايىغا تېزلىكتە ساقچى ۋە تېببىي خادىملار يېتىپ كەلگەن.

نەق مەيداندا دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئېغىر يارىلانغان ت.ئۇ. تېز سۈرئەتتە يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. دوختۇرلار كىچىك قىزچاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما يارىسىنىڭ بەك ئېغىر بولۇشى سەۋەبىدىن، قىزچاقنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمىغان. قىزچاقنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋە قوشنىلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالغان. ۋەقە جەريانىدا قىزىنىڭ يېنىدا بولغان ئانا قاتتىق پىسخىكىلىق زەربىگە ئۇچراپ، قىسقا مۇددەتلىك ھوشىدىن كەتكەن.

يۈز بەرگەن بۇ تراگېدىيەلىك ۋەقە، شۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىغا خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ساقچى تەرەپ دەرھال كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش مەيدانىدا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، شۇ بىنانىڭ چېقىش خىزمىتىگە مەسئۇل 3 خادىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

بۇ ۋەقە زەيتىنبۇرنۇ خەلقى ئارىسىدا زور نارازىلىق پەيدا قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇرالغۇ رايونلىرىدىكى چېقىش خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، پىيادىلەرنىڭ ھاياتىغا سەل قارالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بولۇپمۇ كونا بىنالارنى چاققاندا ئەتراپقا تور تارتماسلىق، پىيادىلەر يولىنى ۋاقىتلىق ياپماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوتسىيال تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ تەنقىد نىشانىغا ئايلاندى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ۋە چېقىش خىزمەتلىرىدە ئىنسان ھاياتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش شەرت. بىرلا كىچىك ئېھتىياتسىزلىق مانا مۇشۇنداق ئوڭشالغۇسىز پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەيتىنبۇرنۇدىكى بۇ ۋەقە باشقا بارلىق رايون ۋە شەھەرلەردىكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەگەر شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.

يېقىندا ئىستانبۇلنىڭ كۆپ رايونلىرىدا شەھەرنى قايتا قۇرۇش پىلانى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن بىنا چېقىلىش ئىشلىرى ئېلىپ بارماقتا . بۇ سەۋەپتىن ئىستانبۇلدا ھەرقايسى رايونلاردا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپتىن كۆپ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەۋەر مەنبە:
DHA / Sözcü: https://www.sozcu.com.tr/beton-parcasi-6-yasindaki-kiz-cocugunu-oldurdu-p306559

Hürriyet: https://www.hurriyet.com.tr/video/zeytinburnunda-bir-binanin-yikimi-sirasinda-kafasina-beton-parcasi-isabet-eden-cocuk-oldu-43141470

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-04-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-04-01 / 09:31:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ