ساغلاملىقنى قوغداشتا قان شېكىرىنى نورمال دائىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر قان شېكىرى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇ پەقەت دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە يۈرەك، بۆرەك ۋە كۆز قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر ئەگەرشەر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قان شېكىرى ئۆرلەپ كەتكەندىن كېيىن، «گۆش يېسەم بولمايدۇ» دەپ قاراپ، گۆش تۈرلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، گۆش يېمەسلىك بەدەندە ئاقسىل يېتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى گۆش يېيىش-يېمەسلىك ئەمەس، بەلكى قايسى گۆشنى، قانداق يېيىش مەسىلىسىدۇر.

قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن گۆش يېيىشى كېرەك؟
گۆش تۈرلىرى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى ۋە تۆمۈر، سىنك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ئاقسىل بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىمارلار قان شېكىرىنى تىزگىنلەيمەن دەپ گۆشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچسە، بەدەن ئاجىزلاپ، باشقا كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ئۇسۇلدا گۆش تاللاپ يېيىش، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بەدەننى كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قان شېكىرىنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدىغان ئەڭ ساغلام گۆش تۈرلىرى
بارلىق گۆش تۈرلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ۋە قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى گۆش تۈرلىرى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ:
- توخو ﮔﯚﺷﻰ (تېرىسىز): توخۇ گۆشى تۆۋەن مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق گۆش بولۇپ، تېرىسىنى ئېلىۋېتىپ دۈملەپ پىشۇرغاندا، قان شېكىرى ۋە قان مېيىغا ئارتۇقچە يۈك بولمايدۇ.
- ﺑﯧﻠﯩﻖ ﮔﯚﺷﻰ: بېلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A، D ۋە تويۇنمىغان ياق كىسلاتاسى (Omega-3) مول بولۇپ، ئۇ قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ.
- ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﮔﯚﺷﻰ: ئۆردەك گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىن B12 ۋە تائۇرىن ماددىسى مول بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئىسسىقنى ياندۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى.
- ئورۇق كالا ۋە قوي گۆشى: مەلۇم مىقداردا ئورۇق گۆشنى ئىستېمال قىلىش، بەدەننى زۆرۈر بولغان تۆمۈر ماددىسى بىلەن تەمىنلەپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
دىيابېت بىمارلىرى قايسى گۆشلەردىن ساقلىنىشى كېرەك؟
بەزى گۆش تۈرلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرى قان شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بىرىنچىسى، سۈر گۆش ( Smoked meat ) ۋە تۇزلانغان گۆشلەر. بۇ خىل گۆشلەرنىڭ تەركىبىدە تۇز مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە ئىنسۇلىننىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئىككىنچىسى، زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياكى تولۇق پىشمىغان گۆشلەر. بازارلاردا سېتىلىدىغان كولباسا، پىشۇرۇلغان تەييار گۆشلەرنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان تەم تەڭشىگۈچ، كراخمال ۋە شېكەر بولىدۇ، بۇلار دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك. شۇنداقلا، سىرتلاردىكى كاۋاپ ياكى مەلۇم خىمىيەۋى ماددىلار بىلەن تەم كىرگۈزۈلگەن گۆشلەرمۇ مېتابولىزىمغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ساغلام پىشۇرۇش ئۇسۇلى — مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى
گۆشنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن «ياغدا قورۇش» ياكى «مايدا قورۇپ پىشۇرۇش» ئۇسۇلى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە، گۆشنى سۇدا قاينىتىش، دۈملەپ پىشۇرۇش ياكى پاردا پىشۇرۇش ئەڭ ساغلام ئۇسۇللاردۇر. پىشۇرۇش جەريانىدا تۇز، ماي ۋە شېكەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش، تەمنى ياخشىلاش ئۈچۈن پىياز، سامساق ۋە باشقا تەبىئىي تېتىتقۇلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
يىغىنچاقلىغاندا، قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر گۆش يېيىشتىن قورقماسلىقى، بەلكى ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن تاللىشى لازىم. توغرا بولغان گۆش تۈرلىرىنى ئىلمىي پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ھەم تاماقنىڭ تەمىدىن ھۇزۇرلانغىلى، ھەم ساغلاملىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندا «مىقدارىنى كونترول قىلىش» نى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدۇر.


