ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ئۆلۈپ كەتكىچە مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ، تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشمەزگىلى. ئادەتتە، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېزلا ساقىيىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەيدىزۋىرۇسى ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ، كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىش مەزگىلى (يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى كۆزنەك مەزگىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ ئەيدىزۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ تاكى قانغا ئۆتۈپ، تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىق پەرقى چوڭ، قىسقا بولغاندا بىر يىلغا يەتمەيدۇ، ئۇزاق بولغاندا 15 يىلدىن ئاشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىردەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىدارىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان چاغدا، داۋالاش قىيىن كۆپ خىل كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى، ئاساسلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا، ئىسپېرمىدا، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدا، سۈتتە، جاراھەتلەردىن چىققان سۇيۇقلۇقلاردا بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈچ چوڭ تارقىلىش يولىنى كونترول قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
قان ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا زەھەردىن يىراق تۇرۇش، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك كۆرۈلىدىغان تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى مېتادون بىلەن داۋالاش ھەم پاكىز شپىرىس ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ بۇلغانغان قانسۇيۇقلۇقى ياكى قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى، توقۇلما ۋە ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقى، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا بەدەننى پاكىز تۇتۇش، گاندوننى توغرائىشلىتىش، جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش كېرەك.
ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، داۋاملىق ھامىلىدار بولۇشنى تاللىغانلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بوۋاقنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئەيدىز ۋىرۇسى ئاجىز ۋىرۇس بولۇپ، سىرتقا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ئاجىز، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى ھاياتلىق مەزگىلى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. قۇرغاق مۇھىت، يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، نورمال تۇرمۇش، ئورتاق خىزمەت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى تارقالمايدۇ. مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش،قۇچاقلىشىش ياكى سۆيۈشۈش، يۆتەل ياكى چۈشكۈرۈش، ئاممىۋى تېلېفون ئىشلىتىش، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش، ئاممىۋى ئاشخانا ئەسلىھەلىرى ياكى يېمەك – ئىچمەك قوراللىرىنىئورتاق ئىشلىتىش، تازىلىق ئۆيى (ھاجەتخانا) ياكى مۇنچا ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىۋېلىش قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.
ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلغان كىشى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ياكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتىش كېرەك، ئانتىۋىرال دورىلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنى تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەل ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى ھەم تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى كەينىگە سۈرگىلى، ئاغرىقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئابدۇكېرىم ئابباس تەييارلىغان