شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەممىلا بىمارلاردا ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىۋەرمەيدۇ بەزى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
(1) قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ، مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە دىيابېت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ بايقىشىچە، قاندىكى شېكەر 12. 2mmol/L دىن يۇقىرى ھالەت مەلۇم بىر مەزگىل داۋاملاشقاندا «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» لىق پەيدا بولىدىكەن، لېكىن دىيابېت كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم بۇنىڭدىن خېلى تۆۋەن.
(2) قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاشقا بولغان رىئاكسىيىگە سەزگۈر بولماسلىق، بولۇپمۇ ياشانغانلار قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاشقا نىسبەتەن سەزگۈر ئەمەس. گەرچە قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىماردا ھېچقانداق سېزىم بولمايدۇ.
(3) دىيابېت كېسىلى چۈشەنچىسى كەملەر. بەزىلەر دىيابېت كېسىلىگە دائىر بىلىملەرنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ. گەرچە «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» لىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەپ-ئىچىپ يۈرسىلا سالامەت بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئاخىرىدا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا دىيابېت بىمارلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ دىياگنوز قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا 7-10 يىل كېتىدىكەن. يەنى دىيابېت بىمارلىرى بىلىپ-بىلمەي دىيابېت كېسىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال 2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىكەن.