ساغلاملىقىڭىزنى ئەقلىي باشقۇرۇڭ: «دوختۇرلار» ئەپىنىڭ ئىچكى سىناق (Beta) باسقۇچىغا قاتنىشىڭ!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز ساغلاملىق سۆيەر دوستلار،
«دوختۇرلار تورى» (Dohturlar.com) قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، سىزنى ئەڭ ئىشەنچلىك، سىستېمىلىق ۋە چۈشىنىشلىك تىببىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى. ئەمدى بىز بۇ غايەت زور بىلىم خەزىنىسىنى تېخىمۇ قولايلىق شەكىلدە يانفونىڭىزغا كۆچۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن«دوختۇرلار» ئەپىنىتەتقىق قىلىپ چىقتۇق!


نېمە ئۈچۈن «دوختۇرلار» ئەپىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز؟
بۇ ئەپ پەقەت بىرلا ئۇچۇر سۇپىسى بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمىزدا تەييارلانغان ئەڭ يېقىن «ساغلاملىق ياردەمچىڭىز» بولۇشقا تەييارلاندى:
ئانا تىلىمىز جان تىلىمىز: ئۆز ئانا تىلىمىزدا، تىببىي ساغلاملىققا ئائىت بىلىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىزنىڭ تۈپكى مەقسىتىمىزدۇر.
- ئانا تىلىمىز جان تىلىمىز: ئۆز ئانا تىلىمىزدا، تىببىي ساغلاملىققا ئائىت بىلىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىزنىڭ تۈپكى مەقسىتىمىزدۇر.
- مۇكەممەل بىلىم ئامبىرى:كېسەللىكلەر قامۇسى، ساغلام تۇرمۇش يېتەكچىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى جەۋھەرلىرى ھەمىشە يېنىڭىزدا.
- ئەمەلىي قوراللار (خۇرجۇن):بەدەن ماسسا كۆرسەتكۈچى (BMI) ھېسابلاش، تۇغۇت ۋاقتىنى مۆلچەرلەش ۋە بالىلارنىڭ يېتىلىش جەدۋىلى قاتارلىق قوراللار بىر يەرگە جەملەندى.
- خاتىرە ۋە تورسىز ئوقۇش:لازىملىق ماقالىلەرنى ساقلىۋېلىپ، تور بولمىغان ۋاقىتتىمۇ ئوقۇش ئىمكانىيىتى.
- تېز ئىزدەش:ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر سېكۇنتتا تېپىش.






سىزنى نېمىلەر كۈتمەكتە؟ (يېڭى پىلانلار)

بىز نۆۋەتتە ئەپنىڭ«مېنىڭ ساغلاملىقىم»سەھىپىسىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلار بىلەن بېيىتىۋاتىمىز. پات يېقىندا قوشۇلىدىغان يېڭى ئىقتىدارلار:
✅ھاياتلىق كۆرسەتكۈچلىرى:يۈرەك سوقۇشى ۋە قان بېسىمىنى كۈندىلىك خاتىرىلەش.
✅دورا باشقۇرغۇچى:دورا ئىچىش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش.
✅خانىم-قىزلار ساغلاملىقى:ھەيز دەۋرى ۋە ھامىلىدارلىق ئىز قوغلاش.
✅شەخسىي دوكلات:سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ساغلاملىق باھالىشى بېرىش.
ئىچكى سىناققا (Beta Test) تەكلىپ قىلىمىز!
بىز بۇ ئەپنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، سىزنىڭ پىكىر-تەكلىپىڭىزگە موھتاجمىز. ئەگەر سىز ئەپنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىپ كۆرۈشنى ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالىسىڭىز،ئىچكى سىناق تىزىملىكىگە قوشۇلۇڭ!
قانداق قاتنىشىسىز؟
تۆۋەندىكى ئىنكاس رايونىغا ياكى بىزگە شەخسىي ئۇچۇر ئارقىلىقئېلېكترونلۇق خەت (Email)ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇڭ. بىز سىزگە تېز ئارىلىقتا ئەپنى چۈشۈرۈش ئۇلىنىشىنى ۋە سىناق قىلىش كۆرسەتمىسىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز.
1. مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا سۆز قالدۇرۇڭ.
2. ۋاتسئاپ (WhatsApp) ئارقىلىق: 00905330299119
3. ئېلخەت ئارقىلىق: drnurmemet@gmail.com
سىزنىڭ ياردىمىڭىز بىلەن سىناق ئوڭۇشلۇق تاماملانسا، ئەپ دېتالىمىز پات يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. ياردىمىڭىزگە ئالدىن رەھمەت!
بىرلىكتە ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە ئەقلىي باشقۇرۇشنى باشلايلى!
تەن ساقلىق — زور بايلىق.
ھۆرمەت بىلەن:
دوختۇرلار تورى ئەترىتى
https://dohturlar.com


