ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ تەرەققىي قىلغانغا قەدەر تۆت دەۋىرگە بۆلىنىدۇ

1. جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى. ئادەتتە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، 2-6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئالامەتلىرى: قىززىش، كاناي ئاغرىش، لىمفا ئىششىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىقلار، ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەزىدە نېرۋا سىستېمىسى ئاغرىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەننىڭ بوغۇملىرى سىرقىراپ ئاغرىش، توقۇلمىلار ئاغرىش، نېرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەمدە روشەن بولغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 50-70 پىرسەنتكىچە بولىدۇ.

2. كېسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى- روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە كۆپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۈچ پەيدا بولىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار يوشۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن بولىدۇ.

3.پۈتۈن بەدەنلىك لىمفا ئىششىش كېسەللىكىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى. يوشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. داۋاملىق قىززىش، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش، سەۋەبى ئىنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يېرىدە چوڭ-كىچىكلىكى 1 مىللىمېتىر ئەتراپىدا لىمفا ئىششىش پەيدا بولىدۇ، ئاغرىمايدۇ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ۋىرۇسى ئادەم ئورگانىزمىغا كىرگەن بولىدۇ.

4.ئەيدىز كېسەللىكى دەۋرى. ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇنى بەش خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

A تىپلىق: پۈتۈن بەدەن ئاغرىش. مەسلەن، نورمالسىز قىزىتما ۋاقتى بىر ئايدىن يۇقىرى بولۇش، داۋاملىق لىمفا ئىششىقنىڭ چوڭلۇقى بىر مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش ئىككى ئاي ئەتراپىدا بولۇش، ئۈچ ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى 10 پىرسەنتتىن يۇقىرى كەملەپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، دەسلىپىدە كېچىسى كۆرۈلۈش، كېيىن كۈندۈزگە ئۆزگىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

B تىپلىق: نېرۋا سىستېمىسى ئاغرىش، مەسلەن، ھارغىنلىق ھىس قىلىش، ھالسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، تەكرار باش ئاغرىش، تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەش، روھسىزلىنىش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

C تىپلىق: يۇقۇملانغۇچىدا ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك كۆرۈلىدۇ.

Dتىپلىق: ئاساسلىقى «ئۆسمىلىك ئىششىق» داۋاملىق كۆرۈلىدۇ.

E تىپلىق: ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق لىمفالىق ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى داۋاملىق دەلىللەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.

كۆزىتىشكە قارىغاندا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە 10-30 پىرسەنتكىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ئەيدىز كېسەللىكىگە ئايلىنىپ كەتكەن، 13 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 60 پىرسەنت يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ئەيدىز كېسەللىكىگە ئۆزگىرىدىكەن ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز بولغۇچىغا ئايلىنىپ كەتمىسىمۇ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:37:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ