ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى قانداق توسۇش كېرەك

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى قانداق توسۇش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىزدىن ئىبارەت ئادەمدىن ئادەمگە جىنسى ئالاقە ۋە قان ئارقىلىق ھەم ئانىدىن بالىغا يۇشۇرۇن يۇقىدىغان ھەم ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ مەملىكىتىمىزدە پەيدا بولغىنىغا ۋە تارقىلىشقا باشلىغىنىغا ئوتتۇز يىل بولۇپ قالدى

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى قانداق تۇسۇش كېرەك

شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىمۇ تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىزچىل ھەم بارغانسىرى كۆپىيىپ كېلىۋاتقىنىغىمۇ يىگىرمە يىل بولۇپ قالدى. مۇشۇ جەريانلاردا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىم-تەشۋىقاتلىرى كىتاپ، گېزىت-ژورنال، رادىيۇ-تىلىۋىزور، تور-ئۈندىدار، نوتۇق-لېكسىيە، بېكەت ئالدى، مەسچىت تەبلىغلىرى، مېھمانساراي ياتاقلىرى، كوچا-مەھەللىلەردىكى تەشۋىقات دوسكا-تاختايلىرى، مەخسۇس تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلىدىغان ئاز ۋە ساز ھالەتتىكى ساۋات-چۈشەندۈرۈش ماتىرىياللىرى بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرۇلدى. مۇشۇ ئارقىلىق قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ئىسىملىك بىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بارلىقىنى ئاساسەن ئاڭلىدى، بىلدى. ئەمما، يەنىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش توختىمىدى. كىشىلەر ئەيدىزنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك قىلغان بىلەن، ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمىدى. ئەيدىزنىڭ ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بىلەن، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىۋاتقان كىشىلەر داۋاملىق پەيدا بولىۋاتىدۇ.

دېمەك، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئويغۇتالمايۋاتقاندەك، توسالمايۋاتقاندەك، قورقىتالمايۋاتقاندەك. يەنى زورلۇق كۈچى بولمىغان تەشۋىقاتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە كۈچى-تەسىرى ئاجىز كېلىپ قېلىۋاتقاندەك. تەشۋىقات ھەقىقى يېتەرلىك تەربىيەگە ئايلىنالمايۋاتقاندەك. تەشۋىقاتنىڭ تەڭداشسىز ئەمەسلىكى مەلۇم بولىۋاتقاندەك. شۇڭا، تەشۋىقات قاتتىق تەلەپكە ئايلانمىسا بولمايدىغاندەك.
كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق ھەم ساقايماس ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەيدىزدەك ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقى بىلەن كارى بولماي، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ يۈرگەن كىشىلەرگە مۇشۇنداق دىيىشمۇ زۆرۈر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئادەم بالىسىنى ئاتا-ئانىسى ئاسان چوڭ قىلمايدۇ. دۆلەتمۇ مائارىپ-داۋالىنىش جەھەتتە ھەر بىر پۇقراسىغا ئاز چىقىم قىلمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئەيدىزنى ئاڭلىغان-بىلگەنلەردىن ئەيدىزدىن يىراق بولالماسلىق تەغدىرىگە دۇچار بولىۋاتقانلارنى ئويلىساق، تەشۋىقاتنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

دېمىسىمۇ، كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. شۇڭا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمىگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەجبۇرى تاماكا چەكلەش تۈزۈمى بارلىققا كەلدى. چۈنكى، بەڭگىلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىپ تاماكا چەكمىگۈچىلەرنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى چەكلىنىش كېرەك ئىدى. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىدى. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى قانۇن ئارقىلىق قاتتىق جازالاش يولغا قۇيۇلدى. چۈنكى، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ماشىنا ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ ساغلاملىق، ھاياتلىق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈشى چەكلىنىشى كېرەك ئىدى. يەنى، كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشى بىلەن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىشى ئۆزلىرىنىڭ خالىغىنىچە بولىدىغان ئەركىنلىكى ئەمەس ئىدى. دېمەك، تەشۋىقات-تەربىيە ئۇسۇلىدىكى ئەخلاق كىشىلەرنىڭ قىلىق-قىلمىشلىرىنى توسىيالمىغاچقا، قانۇنى جەھەتتىن چەكلەش ھەم جازا بارلىققا كەلدى.

دېمەك، ئەيدىز توغرىسىدىكى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ۋە يۇقۇملاندۇرىلىشى ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە ئەركىنلىكى بولماسلىقى كېرەك. يەنى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقان زەھەر چېكىش بىلەن جىنسى سودا شۇنىڭغا ئۆگەنگەنلەرنىڭ ئەركىنلىكى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىش قانۇنى جازا بىلەن چەكلەنمىسە ئەۋىج ئېلىپ كېتىدۇ. يەنە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تاماكا چەكمىگۈچىلەر بىلەن ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلاردەك زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن، داۋا-دەستۇر قىلىش ئىمكانىيىتىنى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، خۇددى “بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالماپتۇ” دېگەندەك، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن قاچان كىمدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلەلمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن كەمسىتىش-چەتكە قېقىلىشتىن قېچىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىماسلىقى بىلەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دەردىنى ئىچىدە بىلىشتىن باشقا ئامال قىلالمايۋاتقانلىقى سەۋەپلىك، باشقىلارنى بىلىپ-بىلمەي ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرغۇچىلار ھېچقانداق چەكلەش-جازاغا ئۇچرىماي يۈرگەچكە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقاندەك ھالەتتە بولماقتا.

دېمەك، ئەيدىزنى يالغۇز سەھىيە-تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭلا تىزگىنلەپ بولالمايۋاتقانلىقىنى پۈتۈن جەمىيەتتىكىلەر بىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش، بەچچىۋازلىق قىلمىشلىرى ئەيدىزنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىغا ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە ھالدا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش قىلمىشلىرى سېپى ئۆزىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش نىشانلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا مانا مۇشۇنداق زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش قاتارلىق قانۇنى جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىشگە تېگىشلىك نۇقتىلىق قىلمىشلار مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يەنى، قانۇنى جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىلىدىغان زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى يەنىلا تۈگىمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇپ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە ھالدا مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقان زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش قىلمىشلىرىغا بولغان قانۇنى زەربىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز.

قىسقىسى، جەمىيەتتە باشقىلارغا دەرت-ئەلەم، زىيان-زەخمەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم توسۇش ئۈچۈن، قانۇنىي ۋاستىلەرنى قوللىنىشنىڭ ئۈنۈمى تېز ھەم رولىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئەمەلىي پاكىت بولۇپ، شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ، ئەيدىز بىلىملىرى تەشۋىقاتى، ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىروسقا قارشى داۋالاش ھەم ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنى ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى ھەم زورلۇق كۈچى بىلەن، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش-تارقىلىش يوللىرىدىكى ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە ھالەتتە مۇھىم سەۋەپكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، تەن سېتىش، بەچچىۋازلىق قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى، قانۇن تەشۋىقاتتىن كۈچلۈك كېلىدۇ. ئۆزىنى باشقۇرمايدىغان ھەم باشقۇرالمايدىغان ئادەملەرنى قانۇن سەگىتىپ توغرا يولغا سېلىپ قۇيالايدۇ. دېمەك، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىشىگە ئېھتىياجىلىق بولىۋاتىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشنى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ماسلاشقان، ياردەم بەرگەن، قانۇن بويىچە تېخىىمۇ قاتتىق زەربە بەرگەن ھالەتتە توسۇش كېرەك

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:18:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ