ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىسقا ئۇچۇرلارئەينەك سۆڭەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەمزە دوختۇرلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

ئەينەك سۆڭەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەمزە دوختۇرلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

سۆڭەك تولۇق ھاسىل بولماسلىق كېسىلى (osteogenesis imperfecta) يەنە ئەينەك سۆڭەك كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 24 ياشلىق پراكتىكانت دوختۇر ھەمزە مەسۇت ئاغىر (Hamza Mesut Ağır) ، كىچىكىدىن تارتىپ داۋاملىق دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن «دوختۇر بولۇش» ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئەينەك سۆڭەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەمزە دوختۇرلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

تۈركىيە ئەنقەرەدە ياشايدىغان ئاغىر، جاپالىق ھايات مۇساپىسىگە قارىماي، ئىرادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ قوللىشى بىلەن لوقمان ھېكىم ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىنىڭ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېببىي فاكۇلتېتتا پراكتىكا قىلىش جەريانىنى باشلىغان ئاغىرنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئالغان نۇرغۇن داۋالاشلىرى، دۇچ كەلگەن خاتا قاراشلار ۋە جىسمانىي توسالغۇلار ئۇنىڭ مۇساپىسىنى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئاپىسى بىلەن بۇ جەرياننى يېڭىپ چىقتى. ئاپىسى ھەر كۈنى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىپ، پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ ھەمزەنىڭ ئەڭ چوڭ مەدىتى بولدى.

روھىي كېسەللىكلەر ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولۇشنى نىشان قىلغان ھەمزە، مېيىپ كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇشنى ۋە ئۇلارغا «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى» كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

«كىچىك ۋاقتىمدا دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ماڭا ھېسداشلىقنى ئۆگەتتى»

ھەمزە مەسۇت ئاغىر، كېسەللىكى سەۋەبىدىن داۋاملىق داۋالانغان يىللارنىڭ ئۆزىنى بۇ كەسىپكە يۆنەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جەرياننىڭ ماڭا كەسپىم ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ ئاسان ھېسداشلىق قۇرۇش، قارشى تەرەپنى تولۇق چۈشىنىش جەھەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە دوختۇرخانىدا ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ياتقان بولساممۇ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلالىدىم».

دوختۇر بولۇش قارارىدا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئاغىر، ئوقۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقنىڭ «بۇ ئورنىدىن تۇرالامدۇ؟ سالاھىتى توشامدۇ؟ باشقىلارنى داۋالىيالامدۇ؟» دېگەندەك خاتا قاراشلار ئىكەنلىكىنى، ئەمما كەيپىياتىنى يۇقىرى تۇتۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپىسى خەتىجە ئاغىر بولسا، ئوغلىنى يىللارچە دۈمبىسىدە كۆتۈرۈپ مەكتەپكە ئاپارغانلىقىنى ۋە ئەڭ چوڭ كۈرىشىنىڭ «كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خاتىجە ئاغىر: «ھەمزەنىڭ ئاق خالات كىيىشى ماڭا دۇنيانى بەرگەندەك بولدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بارلىق ئانىلارغا ئۈمىد بولسۇن» دېدى.

لوقمان ھېكىم ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى، مۇتەخەسسىس دوختۇر بارىش ئەجەۋىت يۈكسەل، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەڭشەكلەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت بىنالىرىدىكى بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

سۆڭەك تولۇق ھاسىل بولماسلىق كېسىلى قانداق كېسەللىك؟

سۆڭەك تولۇق ھاسىل بولماسلىق كېسىلى (osteogenesis imperfecta)، يەنە «ئەينەك سۆڭەك كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر گېن ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، سۆڭەكنىڭ ئاسان سۇنۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكتۇر. بۇ كېسەللىك بەدەندىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ، كوللاگېن سۆڭەكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەرلىك ياكى نورمال بولماسلىقى سۆڭەكنىڭ ئاجىز ۋە ئاسان سۇنىدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرىدە سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلمىسە، بەزىلىرىدە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ.

بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى تۈرىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئومۇمىي ئالامەتلەر سۆڭەكنىڭ ئاسان سۇنۇشى، سۆڭەك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، بوي ئۆسۈشنىڭ قىسقا بولۇشى، كۆز ئاقىنىڭ كۆكۈش ياكى كۈلرەڭ بولۇشى، چىشلارنىڭ ئاجىز ۋە رەڭسىز بولۇشى، ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ يېنىك تىپى (I تىپ) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى سۆڭەكنىڭ ئاسان سۇنۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەڭ ئېغىر تىپلىرى (II ۋە III تىپ) بوۋاق تۇغۇلغاندا كۆپ ساندىكى سۆڭەك سۇنۇشلىرى بىلەن ئىپادىلىنىپ، ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

خەۋەر مەنبەسى: ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-09-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-09-29 / 05:48:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ