ئانا سەھىپەئالامەتلەرپۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرىسىزدە سەكتە بارمۇ؟ بۇلار ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىڭ

سىزدە سەكتە بارمۇ؟ بۇلار ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كېسەللىك بولۇپ، يەنى چوڭ مېڭىنىڭ مەلۇم بىر ئورۇنغا قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېرىمدىن كۆپرەك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى باش ئاغرىش، باش قېيىش، بەزىدە ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، بىئارام بولۇش، ئىچى تىتىلداش، قۇلاق غوڭۇلداش ھەمدە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىقلار.

مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كىچىك مەسىلە ئەمەس، ئەگەر بۇ كېسەلگە سەل قارىسا، سەكتە ياكى ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئىزچىل ياخشىلانمىغاندا، ئاسانلا مېڭە فۇنكسىيەسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بولسا، تۇيۇقسىز بىر تەرەپتە پۇت-قول ئۇيۇشۇش، گەپ قىلىش ئېنىق بولماسلىق، قولىدىكى نەرسە ئاسان چۈشۈپ كېتىش، جاۋغاي مايماق كېتىش، بىر كۆزى ئېنىق كۆرمەسلىك ياكى ھەمىشە بىر نەرسە كۆز ئالدىدا لەيلەۋاتقاندەك ھېس قىلىشتىن ئىبارەت، بۇ مېدىتسىنادا كىچىك سەكتە دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك سەكتە بولسا سەكتە بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئالامىتى، ئەگەر يەنىلا پەرۋا قىلمىسا، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

1. ئەينەككە قاراپ سىناش.

مەيلى نەپەسلىنىش، يۈرەك سوقۇش ۋە سۆزلەش، بەدەن ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مېڭە كونترول قىلىنىدۇ، ئۇ بەدەندىكى ئەڭ يۇقىرى قوماندان ھېسابلىنىدۇ. مېڭە زەخىملەنگەندىن كېيىن بەدەندە روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىز ئەينەككە قاراش ئارقىلىق بايقىيالايمىز.

مەسىلەن ئەينەككە قاراپ ئاۋۋال بىز ئوڭ-سول يۈزىمىزنىڭ سىممېتىرىك ياكى ئەمەسلىكىنى، جاۋىغاي مايماق بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقنى، ئاغزىمىزنى دومسايغاندا ھاۋا قاچقان-قاچمىغانلىقىغا قاراش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ. ئاندىن يەنە ئوڭ-سول بىلەكنى تۈز قىلىپ كۆتۈرىمىز، ھەمدە بۇ ۋاقىتتا قولىمىزدا ئۇيۇشۇش، ھالسىزلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ گەپ قىلغاندىكى سۆزلىرىمىزنىڭ ئېنىق ياكى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئىپادىلەشتە قىينىلىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى، گەپ قىلغاندىكى ئاھاڭىنىڭ تۆۋەنلىگەن-تۆۋەنلىمىگەنلىكگە دىققەت قىلىمىز.

 

2. كۆزنى يۇمۇپ سىناش.

كۆزنى يۇمۇپ جىمجىت ھالەتتە ئۆرە تۇرۇش ئارقىلىق كىچىك مېڭىنىڭ زەخىملەنگەن ياكى زەخىملەنمىگەنلىكىنى سىناشقا بولىدۇ، چۈنكى كىچىك مېڭە تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى كونترول قىلالايدۇ. كىچىك مېڭىدە تىقىلما پەيدا بولغاندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمۇپ ئۆرە تۇرغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ.

كونكرېت ئۇسۇلى بولسا، ئىككى پۇتىمىزنى جۈپلەپ، ياخشى تۇرۇپ، ئوڭ ۋە سول قولىمىزنى ئالدىغا تۈز سوزىمىز. ئاندىن كۆزىمىزنى ئېچىپ تۇرغاندىن كېيىن دەرھال كۆزىمىزنى يۇمىمىز، كۆزنى يۇمۇپ تۇرغاندىن كىيىن ئەگەر بەدىنىمىزدە تەۋرىنىش ياكى يىقىلىپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، كىچىك مېڭىمىزدە توسۇلۇشنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلانساق بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك مېڭىدە تىقىلما پەيدا بولغاندىن كېيىنمۇ باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن باش قېيىش، يول ماڭغاندا مەستتەك دەلدەڭلىشىش، چوكا بىلەن نەرسىلەرنى ياخشى قىسالماسلىق قاتارلىقلار.

 

3. يېنىك پالەچلىنىش ئەھۋالىنى سىناش.

بۇ سىناق ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملەنگەن ياكى زەخىملەنمىگەنلىكىنى باھالىغىلى بولىدۇ.

بۇ سىناقتا بىز ئالدى بىلەن، ئوڭ-سول قولنى تۈز كۆتۈرۈپ، ئالىقاننى تۆۋەنگە قارىتىپ ھەم 30 سېكۇنت داۋاملاشتۇرىمىز. ئەگەر مېڭىمىزدە يېنىك پالەچلىنىش ئەھۋالى بار بولسا، ئىككى قولىمىزدا ئاستا-ئاستا پەسكە ساڭگىلاش ۋە ئالىقاننىڭ ئىچىگە قاراش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ؛ يەنە بىر خىل سىناق بولسا، كارىۋاتتا تۈز ياتىمىز، ئوڭ-سول تىز بوغۇمىنى 90 گىرادۇس ئېگىمىز ھەمدە 30 سېكۇنت داۋاملاشتۇرىمىز، ئەگەر مېڭىمىزدە يېنىك پالەچلەنگەن ئەھۋال بار بولسا بىر پاچىقىمىزدا ئاستا-ئاستا پەسكە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىدە سەكتە كېسىلى ئالامەتلىرىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى بىر قانچە ئەھۋاللار ئۆزىمىزدە كۆرۈلگەن بولسا، ھەم قېقىلىپ يۆتىلىش ئالامەتلىرى بىللە ئىپادىلەنسە، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن سەكتە كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/19143191.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
5
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-31 / 04:09:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ