ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بالىلىرىغا ھەر خىل ۋىتامىن، كالتسىي ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ

بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئاتا- ئانىلارغا <<بالىلارغا ھەر خىل ۋىتامىن، كالتىسىي ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى بىرىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك>>لىكىنى ئاگاھلاندۇردى. 

  بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشتا نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بالىلارغا كالتسىيىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇقلاش كېرەك ئىكەن. ئەگەر تولۇقلانغان كالتسىي نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە زىيانلىق بولۇپ، بالىلاردا ئىشىشىپ قېلىش، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەۋزىيەت ۋە ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئېغىر بولغاندا، سۈيدۈكتە ئاقسىل مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

  ئەگەر قاندا كالتسىي مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، قان تەركىبىدىكى كالتىسىي كۆز خالتىسىغا يىغىلىۋېلىپ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يۈرەك كىلاپانى ئەتراپىغا چۆكىۋالسا يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. قان تومۇرلارغا چۆكىۋالسا، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا كالتىسىي تولۇقلاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ: 

  ئەگەر بالىلاردا كالتسىي كەملىكى بەك كۆرىنەرلىك بولمىسا، پۇرچاقتىن ياكى سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، بېلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاش كېرەك. بالىلارغا نىسبەتەن ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ ياخشى تەبئىي كالتسىي تولۇقلاش ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ. سۈتنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ئىنتايىن مول. سۈت ئىچمەيدىغان بالىلارغا قېتىق ئىچكۈزسىمۇ بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-19 / 04:22:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ