بويۇن ئومۇرتقىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ باش سۆڭىكىنى تىرەپ تۇرۇپلا قالماي، يەنە بېشىمىزنىڭ ھەر تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا بويۇندىكى ئومۇرتقا، مۇسكۇل ۋە تارىمۇش (پەي)لارنىڭ ماسلىشىپ ئىشلىشى زۆرۈر. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بويۇن تارىمۇشلىرى ئومۇرتقىلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەددىدىن زىيادە ھەرىكەتلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە، بىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويۇن قىسمىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلمىلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
گەدەن ( بويۇن يەلكە تارىمۇش ) تارىمۇشى سىرت تەرەپتىن كۆرۈنۈشى
Nuchal ligament external view
项韧带外侧面观
يېپىنچا پەردە ۋە ئارقا تىك تارىمۇش ئوتتۇرا ۋاشاقسىمان كەسمىسى
tectorial membrane of the atlas and Posterior Longitudinal Ligament median sagittal plane
覆膜和后纵韧带
بويۇن قۇرۇلمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى
- گەدەن تارىمۇشى / بويۇن يەلكە تارىمۇش (Nuchal Ligament, 项韧带)
گەدەن تارىمۇشى بويۇننىڭ ئارقا قىسمىغا جايلاشقان كۈچلۈك، ئېلاستىكىلىق تارىمۇش بولۇپ، ئۈستۈنكى ئومۇرتقا ئارىلىق تارىمۇشىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ C7 ئومۇرتقىسىدىن باشلىنىپ گەجگە سۆڭىكىگىچە تۇتىشىدۇ ۋە بويۇن مۇسكۇللىرىغا چاپلىشىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. - سىرتقى قۇلاق دەرۋازىسى (External Acoustic Meatus, 外耳门)
بۇ تاشقى قۇلاقتىن ئوتتۇرا قۇلاققا تۇتىشىدىغان، S شەكىللىك نەيچىسىمان يول بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنلىرىنى يىغىپ، قۇلاق پەردىسىگە يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ تاشقى قىسمى كۆمۈرچەكتىن، ئىچكى قىسمى سۆڭەكتىن تەركىب تاپقان. - ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە (Mastoid Process, 乳突)
بۇ چېكە سۆڭىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، قۇلاقنىڭ كەينىگە جايلاشقان. ئۇ بىر قانچە مۇھىم بويۇن مۇسكۇلىنىڭ چاپلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، باشنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. - ھالقىسىمان ئومۇرتقا (Atlas / C1, 寰椎)
بىرىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (C1) بولۇپ، باش سۆڭىكىنى بىۋاسىتە تىرەپ تۇرىدۇ ۋە ئۆزگىچە ھالقا شەكىللىك قۇرۇلمىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئومۇرتقا تېنى ۋە ئارقا ئۆسۈكى بولمايدۇ، بۇ قۇرۇلما باشنىڭ ئالدى-كەينىگە ئېگىلىش ھەرىكىتىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. - ئۈلگۈجەك ئومۇرتقا (Axis / C2, 枢椎)
ئىككىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (C2) بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى چىشسىمان ئۆسۈكى (Dens) دۇر. بۇ ئۆسۈك ھالقىسىمان ئومۇرتقا بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىپ، باشنىڭ سول ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. - ئالدى تىك تارىمۇش (Anterior Longitudinal Ligament, 前纵韧带)
بۇ تارىمۇش ئومۇرتقا تەنلىرىنىڭ ئالدى يۈزىگە چاپلىشىپ، پۈتۈن ئومۇرتقا بويى يايىلىدۇ. ئۇ ئومۇرتقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەينىگە ئېگىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۈچلۈك ۋە كەڭ تارىمۇش ھېسابلىنىدۇ. - ئومۇرتقا ئارتېرىيىسى (Vertebral Artery, 椎动脉)
بۇ ئارتېرىيە ئومۇرتقا كۆندىلەڭ ئۆسۈكلىرىدىكى تۆشۈكلەردىن ئۆتۈپ، مېڭىگە قان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قان تومۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. - گەجگە سىرتقى دۆڭچىسى (External Occipital Protuberance, 枕外隆凸)
بۇ باش سۆڭىكىنىڭ ئارقا-تۆۋەن قىسمىدىكى گەجگە سۆڭىكىگە جايلاشقان كۆرىنەرلىك دۆڭچە. ئۇ گەدەن تارىمۇشى ۋە باشقا مۇسكۇللارنىڭ چاپلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. - بوغۇم ئۆسۈكى ئارىلىق بوغۇمى (Facet Joint, 关节突关节)
بۇ ئومۇرتقىلارنىڭ ئارقا قىسمىدىكى ئۈستۈنكى ۋە تۆۋەنكى بوغۇم ئۆسۈكلىرى ئارىسىدا شەكىللەنگەن كىچىك بوغۇملار. ئۇلار ئومۇرتقىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، ئېگىلىش ۋە بۇرۇلۇش ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. - بوغۇم خالتىسى (Articular Capsule, 关节囊)
ھەر بىر بوغۇم ئۆسۈكى ئارىلىق بوغۇمىنى ئوراپ تۇرىدىغان تالالىق پەردە. ئۇ بوغۇم بوشلۇقىنى پېچەتلەپ، بوغۇم سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدۇ ۋە بوغۇمنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ. - دۆڭچە ئومۇرتقا (Vertebra Prominens / C7, 隆椎)
يەتتىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (C7) بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقا ئۆسۈكى باشقا بويۇن ئومۇرتقىلىرىغا قارىغاندا ئۇزۇن ۋە كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، «دۆڭچە ئومۇرتقا» دەپ ئاتالغان. ئۇ بويۇننى ئېگىپ تۇرغاندا قول بىلەن ئاسانلا سېزىلىدۇ. - گەجگە سۆڭەك (Occipital Bone, 枕骨)
باش سۆڭىكىنىڭ ئارقا ۋە تۆۋەن قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان سۆڭەك. ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ كەينى قىسمىنى قوغدايدۇ ۋە ئومۇرتقا بىلەن تۇتىشىدىغان چوڭ تۆشۈك (Foramen Magnum) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. - يېپىنچا پەردە (tectorial membrane of the atlas, 覆膜)
بۇ ئارقا تىك تارىمۇشنىڭ C2 ئومۇرتقىسىدىن يۇقىرىغا سوزۇلغان قىسمى بولۇپ، باش سۆڭەك بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. - ھالقا-گەجگە ئارقا پەردىسى (Posterior Atlanto-Occipital Membrane, 寰枕后膜)
بۇ پەردە ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئارقا يېيىنى گەجگە سۆڭىكىنىڭ چوڭ تۆشۈكىنىڭ كەينى گىرۋىكىگە تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇ ئومۇرتقا ئارتېرىيىسى ۋە بىرىنچى بويۇن نېرۋىسىنىڭ ئۆتۈشىگە يول بېرىدۇ. - ھالقىسىمان ئومۇرتقا ئارقا يايى (Posterior Arch of Atlas, 寰椎后弓)
ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ (C1) ئارقا قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان سۆڭەك قۇرۇلمىسى. ئۇ ئومۇرتقا ئۆتۈشمە يولىنىڭ ئارقا چېگرىسىنى ھاسىل قىلىپ، ھۇلۇقنى قوغدايدۇ. - سېرىق تارىمۇش (Ligamentum Flavum, 黄韧带)
بۇ تارىمۇش قوشنا ئومۇرتقىلارنىڭ ئومۇرتقا تاختىلىرىنى ( 椎板 vertebral lamina ) ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئېلاستىكىلىق تارىمۇش. ئۇ ئومۇرتقىنىڭ تىك تۇرۇشىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، ئېگىلىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. - ھالقا گەجگە ئالدى پەردىسى (Anterior Atlanto-Occipital Membrane, 寰枕前膜)
بۇ پەردە ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئالدى يېيىنى گەجگە سۆڭىكىگە تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇ ئالدى تىك تارىمۇشنىڭ داۋامى بولۇپ، باش بىلەن بويۇن بوغۇمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەينىگە ئېگىلىپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ. - چىش ئۆسۈك ئۇچى تارىمۇشى (Apical Ligament of Dens, 齿突尖韧带)
بۇ تارىمۇش ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ چىشسىمان ئۆسۈكىنىڭ ئۇچىدىن باشلىنىپ، گەجگە سۆڭىكىنىڭ چوڭ تۆشۈكىنىڭ ئالدى گىرۋىكىگە تۇتىشىدۇ. ئۇ ھالقىسىمان ۋە ئۈلگۈجەك ئومۇرتقا بوغۇمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. - ھالقاسىمان ئومۇرتقا كىرىست شەكىللىك تارىمۇش (Cruciform Ligament of Atlas, 寰椎十字韧带)
بۇ تارىمۇش كىرىست شەكلىدە بولۇپ، كۆندىلەڭ ۋە تىك تارىمۇشلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ چىشسىمان ئۆسۈكىنى ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئالدى يېيىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، باشنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا ھۇلۇقنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. - ھالقىسىمان ئومۇرتقا ئالدى يايى (Anterior Arch of Atlas, 寰椎前弓)
ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ (C1) ئالدىنقى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان كىچىكرەك سۆڭەك قۇرۇلمىسى. ئۇنىڭ ئارقا يۈزى ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ چىشسىمان ئۆسۈكى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. - ھالقا-ئۈلگۈجەك ئوتتۇرا تارىمۇشى (Median Atlantoaxial Joint, 寰枢正中关节)
بۇ بوغۇم ھالقىسىمان ئومۇرتقا بىلەن ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ چىشسىمان ئۆسۈكى ئارىسىدا شەكىللەنگەن. ئۇ باشنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاساسلىق بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. - ھالقا-ئۈلگىجەك كۈندىلەڭ تارىمۇشى (Transverse Ligament of Atlas, 寰枢横韧带)
بۇ كىرىست شەكىللىك تارىمۇشنىڭ كۆندىلەڭ قىسمى بولۇپ، ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە تۇتىشىدۇ. ئۇ چىشسىمان ئۆسۈكنى جايىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، ھۇلۇقنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم تارىمۇش. - ئارقا تىك تارىمۇش (Posterior Longitudinal Ligament, 后纵韧带)
بۇ تارىمۇش ئومۇرتقا تەنلىرىنىڭ ئارقا يۈزىدە، يەنى ئومۇرتقا ئۆتۈشمە يولىنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سوزۇلغان. ئۇ ئومۇرتقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئالدىغا ئېگىلىپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئومۇرتقا ئارىلىق دىسكىسىنىڭ ئارقىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ قىسمەن ئالدىنى ئالىدۇ.
بويۇن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقى
بويۇن قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى چۈشەندۇق. بويۇn تارىمۇشلىرى، سۆڭەكلەر ۋە بوغۇملار بىرلىكتە ئىشلەپ، بېشىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاپ، مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ھەر قانداق بىرى زەخىملەنگەندە ياكى قېرىغاندا، بويۇن ئاغرىش، ھەرىكەت قىيىنلىشىش، ھەتتا نېرۋا بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەسىلەن ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش، يانفونغا قاراش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر بويۇن ئومۇرتقىسىغا ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىمۇشلارغا ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىم تارىمۇشلارنىڭ بوشىشى، قېلىنلىشىشى ياكى ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭلاشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا توغرا تۇرۇش، ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلاش، مۇۋاپىق بويۇن ھەرىكىتى ۋە چېنىقىش ئارقىلىق بويۇن مۇسكۇللىرىنى ۋە تارىمۇشلىرىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم.
بويۇننىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش، بىزنىڭ ئۇنى قانداق ئاسراش ۋە قوغداشنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بويۇن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. ئەگەر بويۇن قىسمىڭىزدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاغرىق ياكى بىئاراملىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كەسپىي دىئاگنوز ۋە داۋالاش ئېلىش كېرەك.