ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:كۈچەپ يۆتىلىش، قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىش، قاتتىق كۈلۈش، يەل چالغۇلىرىنى كۈچەپ پۈۋلەش، ئېغىر نەرسىلەرنب كۆتۈرۈش ۋە قاتتىق چۈشكۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر دىئابېت ئاغرىقلىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن
چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەر سادىر بولغاندا ئادەمنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى بېسىمى ئۆرلەپ، ۋېنا تومۇرىدىن يۈرەككە قايتىدىغان قان ئازىيىپ كېتىپ، ئەتراپ ۋېنا بېسىمى تۇيۇقسىز ئېشىپ، كۆرۈش تور پەردىسى تاشقى قەۋىتىدىكى كىچىك قان تومۇر يېرىلىپ كۆرۈش تور پەردىسى زەخىملىنىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: دىئابېت ئاغرىقلىرىنىڭ كۆز ئاستىدا ئوڭايلا كېسەللىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان قاتتىق ھەرىكەتلەر قاناشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا دىئابېت ئاغرىقلار بۇنداق ھەرىكەتلەردىن ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ، دىيابىت ئاغرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاندىكى قەنت مىقدارى بىلەن قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كەتسە كۆرۈش تور پەردىسى قىل قان تومۇرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، قان بېسىم ئۆرلەپ كەتسە، كۆز ئاستىدا قاناش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ