بۇ بىر بۆلەك ئادەتتىكى غەمخۇرلۇق سۆھبەت خاتىرىسى غەمخۇرلۇق ئوبىيكتى لىن تىيەنىنىڭ ھېكايىسى ، ئەينەم ھەم ئاجايىپ ، لېكىن ئۇنىڭ زەھەر چېكىش ، زەھەر تاشلاش ، قايتا چېكىش يەنە قايتا ھاياتلىققا ئېرىششىنىڭ پۈتۈن جەريانى خاتىرىلەنگەن
ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشنى بىر قىزىقىش ، بىلىپ – بىلمەي چېكىپ قېلىش ديىسە ، ئۇنداقتا قايتا چېكىش پەقەت زەھەرنىڭ كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ ؟ ياق ! ئۇلار زەھەر تاشلاشتا مۇۋەپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۇرۇق – تۇققان قېرنىداشلىرى ، دوست – بۇرادىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ، لىن تىيەننىڭ يېڭى تۇرمۇشقا قانچىلىك غەمخۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ قان تەرى سڭگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ .
“ مېنىڭ ئىسمىم لىن تىيەن ، بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىمدىن باشلاپ ئاپام مېنى بەك قاتتىق تۇتاتتى . مېنى قىز بالا دېمەستىن ئوغۇل بالىدىنمۇ قاتتىق تۇتقان ئىدى “ بىز سۆھبەتلىشىش جەريانىدا لىن تىيەن چىرايىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ، سەبىيلەرچە قىلىقلارنى قىلىپ قۇچىقىدىكى ياشقا توشمىغان بالىنى ئەركىلتىپ كۈلدۇرەتتى . ئانا – بالا ئىككىسىنىڭ بەخىتلىك قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇلار ئۈچۈن خوش بولدۇم .
“ مېنىڭ مىجەزىم بەك قوپال ، گەرچە مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساممۇ ، ئاتا – ئانامنىڭ باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلمايمەن . ئۇلارنىڭ گېپىنى ئازىراقمۇ ئاڭلىمايمەن . “ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىن تىيەن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ “ ئاتا – ئانام ئەمەلىيەتتە ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ …….“ .
مېنىڭ ھۇجۇدۇمدا چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىللىق بىلەن ئاڭلىدىم ۋە “ بىچارە ئاتا – ئانىلار ، ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ چوڭ بولمايدىغان بالا ، ئاتا – ئانام تا ھازىرغىچە دائىم ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى سۆزلەيدۇ .“ دېدىم
“ توغرا ، ئۆز ۋاقتىدا مەن چۇشەنمەي قالغىنمغا ئېچىنىمەن . دائىم ئۇلارنىڭ مېنى قاتتىق باشقۇرۇشىدىن زېرىكەنتىم .“ لىن تىيەننىڭ يۈزىدە بىر خىل پۇشايمان ھېسياتى گەۋىلەندى ، ۋە پەس ئاۋازدا “ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمەيلا ئوقۇشدىن چېكىندىم . مەن پەقەت ئۆزۈم چوڭ بولۇپ بولغاندەك ، ھەممە ئىشنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم .“
“ شۇ ۋاقىتلاردا سىز زەھەرگە يولۇقتىڭىز شۇنداقمۇ ؟ “ مەن ئېھتىيات بىلەن سورىدىم .
لىن تىيەن ئاچچىق كۈلۈپ . “ دەسلەپتە مەن ئادەتتىكى تاماكىغا ئارلاشتۇرۇپ چەكتىم . كېيىن خۇمار بولۇپ قالىدىغىنىمى ئويلىماپتىمەن . بىرنىچى قېتىم ، مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن ئاۋالقىدەكلا “ ئاق ئۇن “ نى چەكسە ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قاراپتىمەن ، چۈنكى مەن بەك ئاسان زەھەر تاشلىيالىغان ئەمەسمۇ ؟“
مەن چۇشەندۇرۇپ : “ تىببىي ساھەدىن ئېلىپ ئېتقاندا ، فىزولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرنى داۋالاش پەقەت زەھەر خۇمارىنى بېسىشتىكى بىرنىچى قەدەم . مۇھىم بولغىنى پىسخولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرگە بولغان تايىنىشنى يوقىتىش . قايتا چېكىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زەھەر چېكىش قانۇنسىز ھەرىكەت .“
“ بۇلارنى مەن كېيىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا ئاندىن چۇشەندىم . لېكىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا . مەن ھېس قىلمىغان .“ لىن تىيەن ئىنتايىن سەمىمىي كۆرۈنەتتى ._ ئۇنداقتا ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن قايتا چېكىۋالدىڭىز ؟ لىن تىيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى : “ ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا بۇ نەرسىگە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى ئويلماپتىمەن . لېكىن ئەتراپتىكىلەر ماڭا بولغان ھەر خىل پىكىرى ۋە ئاتا- ئانامنىڭ تېخمۇ قاتتىق ئەيىبلىش ۋە چەكلىشى مېنى يىرگىندۇردى . مەن پەقەت مۇشۇ مۇھىتتىن ئايرىلساملا ، ئاندىن ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلايتتىم . ئاخىرىدا مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قارادىغا كەلدىم . لېكىن قىيىنچىلىققا يۇلۇققان چاغدا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمىدىم ، پەقەت بارغانسىرى يىرگەندىم دوستلىرىمنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا . مەن زەھەر بىلەن ئۆزۈمنى مەست قىلدىم .“
”ئادەمنىڭ پاسسىپ مۇھىتتىكى پىسخۇلوگىيىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى بەك ئاجىز بولىدىكەن . ئاسانلا يامان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز ئەمدىلا تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كېلىپ ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىمەي تۇرۇپلا ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدىڭىز ؟ بۇ توغرا بولمىغان تاللاش .“
لىن تىيەن بىشىنى چايقاپ ، ئۇھ تارتىپ “ ئەگەر مەن بىر ياخشى كەيپىياتتا بولالىسام بەلكىم ھەرگىز قايتا …………………“
لىن تىيەننىڭ ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە قانچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . “ ھەر قانداق ئادەم خاتا يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ . بىراق مۇھىم بولغىنى تۈنۇگۈنكى مەغلۇبىيەتتىن دەست تۇرۇش ، ئەتە ئۈچۈن تىرىشىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇرۇش .“
لىن تىيەن ھاياجانلانغان ھالدا : “ سىلەردەك يىقىنلىرىمغا ئۇچرىغاچقا مەن چەكسىز تەسەللى ۋە خوشاللىق ھېس قىلدىم .“ قۇچىقىدىكى قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغان قىزىغا قاراپ ، ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەندى .“ مەن ھازىر ئانا بولدۇم ، مەن قىزىمغا بەك ئامراق . سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن غەمخۇرلۇقىڭلار ۋە ياردىمىڭلار نېمىدىگەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم .“ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، كۆز يېشى ئۇنىڭ مەڭزىدىن سىرغىپ چۇشتى .
ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن باشقلار بىلەن ئالاقە قىلشتىن تېخىمۇ قۇرقتۇم . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىشەنچىسى يوقتىكلا ھېس قىلاتتىم . ئۇلارنىڭ كۆزىدىن خۇددى : “ زەھەر چەككەن ئادەمنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ “ دەۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم گەرچە باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشنى ئۇمىد قىلىدۇ . لېكىن ئۇ چاغدىكى كەيپىياتىم پەقەتلا “ چېقىلغان ئەينەك ئەسلىگە كەلمەيدۇ . “ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . ئاتا – ئانام مېنى چۇشىنىپ ، ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئۇمىدسىزلەندۇرگەندەك ، ئۇلارغا چوڭقۇر ئازار بەرگەندەك ھېس قىلاتتىم . “ لىن تىيەننىڭ گىپى مېنىڭ قەلبىمنى تىترىتەتتى . بۇ خىل تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتىكى مۇرەككەپ ھېسىيات . شۇنداقلا ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن مۇنازىرە بېسىملار ، ئەمدىلا ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشتىن قايتىپ چىقىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، نېمىدىگەن ئېغىر ئەلەم !
“ مەن يەنە شۇ كۈننى ئەسلەپ قالدىم “ لىن تىيەننىڭ كۆزى دەرىزە تەرەپتە ئىدى . ئۇ پەس ئاۋازدا : “ مەن ئىنتايىن كەچ ئۆيگە قايتىپ ئىشىكدىن كىرىشىمگە ، سىلەرنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغىنڭلارنى كۆردۇم . سىلەر مېنى ئاز ئەيىبلىمىدىڭلار . مەن يىغلاپ كۈچلۈك رەت قىلدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەن سىلەرنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى چۇشەنمەيتتىم . مەن بىرسىنىڭ كېلىپ مېنىڭ زەھەر چەكمەسلىكىمنى ئەسكەرتىپ قويىشىقا ھەم ياردەم قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس ئىدىم .
مۇنداق ئەھۋالدا قالغان ئادەملەر جىق تۇرسا ، مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى . “
لىن تىيەن ھاياجانلىنىپ ماڭا :“ سىلەر ماڭا دېگەن ۋاقىت دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى . سىلەر ئالايىتەن سوۋغا بىلەن مېنى كۆرگىلى كەلگەن ۋاقىتتا مەن ………………….“
لىن تىيەن يىغلاپ توختىمايىتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم بىر خىل دولقۇنلىشىۋاتقاندەك بولۇپ ، ئۇزاققىچە تىنچلىيالمىدىم .
لىن تىيەن دۇدۇقلاپ :“ مەن ئۇ كۈننى مەڭگۇ ئۇنۇتالمايمەن ، ئاتا- ئانام ماڭا تولۇپ تاشقان مېھىرىبانلىق ۋە غەمخۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن قارايتتى ، ئۇلار ماڭا ، نېمىنىڭ مۇھاببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى . شۇ كۈندىن باشلاپ مەن قەددىمنى رۇسلاپ ، كۆڭلۈمدىكى قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئۆزۈمنى يىڭىشقا يول قويمىدىم . مېنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمنى ، دوستلىرىمىنى قايتا ئۈمىدسىزلەندۇرگۇم يوق . ئۇلار مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە قانداق قارىشىمدىن قەتئىنەزەر ، ھازىرقى مەن چوقۇم ئۆزەمنى كۈچەيتىپ دەست تۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ساقىيالماسلاردىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمەن .
“ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ۋە غەمخۇرلىقىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ئىشىنىمەن مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن بەختلىك .“