نۇر تورى تەرجىمىسى:
قولدا ناھايىتى مۇرەككەپ پەللىلەر بار بولۇپ، ئادەتتە بۇ پەللىلەرنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
1. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاش
ھازىرقى كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا مىدىرلىمايلا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت باش بارمىقىمىزنى سوزۇپ-سوزۇپ قويساقلا شىپاغا ئېرىشەلەيمىز.
بۇنىڭدىن سىرت، باش بارماقنى باش ئاشقازان تومۇرىغا قايتۇرۇش تەشۋىشلىك ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىشتەك ناچار كەيپىياتلارنى پەسەيتىدۇ. قورسىقىڭىز ۋە بېشىڭىز ئاغرىغاندا ياكى روھىي بېسىم ھېس قىلغىنىڭىزدا باش بارمىقىڭىزنى بېسىپ بەرسىڭىز ئاغرىقىڭىزنى پەسەيتەلەيسىز.
2. قەۋزىيەتنى داۋالاش
قەۋزىيەت كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. پەقەت ئالقىنىمىزنىڭ بۇ ئورنىنى بېسىپ قويساقلا، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. ئالقان بولسا چوڭ ئۈچەي تومۇرىنىڭ جايلاشقان ئورنى بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى چىقىرىۋېتىلمىگەن يەلنى چىقىرىشقا، بىئاراملىقنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
3. پۇت-قوللارنى ئارام ئالدۇرۇش
باش ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ سىرتقى قىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بىرىنى بىرىگە ئۇلاپ ھەربىر بارماقنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى سىقىمداپ، تېز سۈرئەتتە تۆۋەنكى ئۇچىغا تارتىپ بەرگەندە بەدەن راھەتلىنىپ قالىدۇ.
4. ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاش
ئالقاننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا جايلاشقان ئاشقازان تومۇرلىرى توپلاشقان ئورۇننى كۆپرەك بېسىپ بېرىش كېرەك. بۇ ئورۇندىكى قان تومۇرلار ئاساسلىقى چوڭ ئۈچەي، ئاشقازان قىسمى، ئون ئىككى ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تۇتاشقان بولىدۇ، شۇڭا كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ھەزىممۇ تەبىئيلا راۋانلىشىدۇ.
5. يۆتەل، كانايچە ياللۇغى، زىققا قاتارلىقلارنى داۋالاش
يۆتەل، كانايچە ياللۇغى، زىققا قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ياللۇغنى يوقىتىشتىن سىرت يەنە بۆرەكنى قۇۋەتلەشكە توغرا كېلىدۇ. رەسىمدىكىدەك ئىككى بارماقتا ئالقاننىڭ بۇ ئورنىنى (بۆرەك ئۈستى بەزلىرىنىڭ قايتۇرۇش رايونى) بېسىپ بېرىش كېرەك.
6. كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش
ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا، رەسىمدىكىدەك ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. ئۇزاق داۋاملاشتۇرغاندا، يۈز قىسمى ۋە بەدەن تېرىسىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
7. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ئىش پۇشۇقىنى چىقىرىش
زېرىككەن چاغلىرىڭىزدا رەسىمدىكىدەك بۇ ھەرىكەتنى بىر قانچە مىنۇت ئىشلىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ. بارماقلارنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ، بارماق تۈۋىنى ئۆزئارا بەش سىكۇنت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ قويۇپ، يەنە قايتا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
8. چارچاشنى يوقىتىپ، ساقلىقنى ساقلاش
كۆرسەتكۈچ ۋە باش بارماقنى جۈپلەشتۈرگەندىكى ئويمان رايون خېگۇ پەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەللىنى بېسىپ بېرىش چارچاشنى، كۆز ئەتراپى قارىداشنى يوقىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە كەيپىياتنى ئۆستۈرۈپ، مېڭىنى سەگەكلىتىدۇ.
10. قان بېسىم ۋە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش
بېغىشتىن بىلەككە ئۈچ بارماق ئەتراپىدا كېلىدىغان پەللە ئورنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
11. باش ئاغرىش، كۆڭلى ئىلىشىشنى داۋالاش
ماشىنىدا كۆڭلىڭىز بىئارام بولغاندا ھېس قىلسىڭىز باش بارمىقىڭىزنىڭ تىرناق تۈۋىدىكى قىسمىنى بېسىپ سىنىغاندا ياكى بىر تال بوغقۇچنى نامسىز بارماققا يۆگىگەندە، نېرۋىنى غىدىقلاپ، باش قېيىش، كۆڭلى ئىلىشىشنى پەسەيتكلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، رەسىمدىكىدەك نامسىز بارماقنى بېسىۋېلىپ، كۈچەپ ئۇۋۇلاش ئارقىلىق تەسىرگە ئۇچرىتىپ داۋالاش كېرەك.
12. رېماتىزىمنى داۋالاش
قول بارماقلىرىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش رېماتىزىمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7640806.shtml