ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىتۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتى

تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ساغلاملىق ئېڭىمۇ تەدرىجىي ئېشىپ، «كۈتۈنۈش» كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ قالدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىچىدە، بىيولوگىيەلىك ئامىللار %15نى، مۇھىت ئامىلى %17نى، ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى %60نى، داۋالاش مۇلازىمىتى پەقەت %8نى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈتۈنۈش ئۇسۇلنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى قايسىلار؟

شاڭخەي شەھەرلىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى، شاڭخەي ساغلاملىق تېببىي ئىنستىتۇتى، شاڭخەي شەھەرلىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى» بويىچە ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشنى ئورتاق قانات يايدۇرغان بولۇپ، جەمئىي 50 ماددىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىققان.

ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى

1. يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، دائىم ناشتا قىلماسلىق ياكى يېرىم كېچىدە تاماق يېيىش؛

2. دائىم سىرتتىن تاماق يېيىش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ ئىچىش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىش؛

3. تاماق تاللاش ئادىتى، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرى بەك ئاز بولۇش؛

4. قورۇما قورۇغاندا تۇز، جياڭيۇ ۋە شېكەرنى كۆپ قوشۇش

5. دائىم مايدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ قىلىنغان ۋە ئىسلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش؛

6. دائىم تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىش.

7. ھەر كۈنى سۇنى ئاز ئىچىش

8. ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل بولۇش؛

9. تاماكا چېكىش.

10. ھاراقنى كۆپ ئىچىش.

11. تەشۋىشلىنىش ياكى روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش؛

12. ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە كىشىلىك ئالاقە كەمچىل بولۇش؛

13. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش (كومپيۇتېر، يانفون، ئويۇن ماشىنىسى قاتارلىقلار)؛

14. خىزمەت ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق؛

15. سالامەتلىك ئېڭى سۇس بولۇش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛

16. كېسەل بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچمەسلىك؛

17. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دورىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش؛

18. توردىكى سۆز-چۆچەكلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش.

19. خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش، چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋالماسلىق؛

20. چاچ بوياش، چاچ بۈدرە قىلىش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇش؛

 

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۇش تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن يىراق قىلىشى مۇمكىن؛

دۆلەت يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلەر 550 مىڭغا يېتىدىكەن. يۇقىرى سىجىللىقتىكى، يۇقىرى بېسىملىق، يۈكسەك دەرىجىدە جىددىيلەشكەن، زىيادە چارچاپ كەتكەن خىزمەت ھالىتى ياشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. ھازىر كېسەل كۆرگەن ياشلارنىڭ كۆپلۈكىنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 60~70 ياش ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان نۇرغۇن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرى كۆپەيدى. شەرقىي جەنۇب داشۆسى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا چوڭ دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما گېنشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دوختۇرخانا كۆكرەك ئاغرىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش، ياش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرى كۆكرەك ئاغرىش مەركىزى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئومۇمىي قوزغالغان ئادەم سانىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

ماگېنشەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بەك ئالدىراش، جىددىي خىزمەت ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلايدۇ. ئەگەر باشتىن-ئاخىر قاتتىق جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغاندا، سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى ئۇزۇن مەزگىل زىيادە روھلىنىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ يۈكى زىيادە ئېشىپ كېتىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ، ھەتتا يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ۋاقتىدا تەڭشىمىگەندە، يۈرەك زىيانغا ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى ئۇدا تۈنەش، ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن، نېرۋا ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلىنىش، تاجىسىمان ئارتېرىيە تارتىشىش، يۈرەك تۇيۇقسىز قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ياشلار تۈنەپ، قەھۋەنى كۆپ ئىچىپ روھىنى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ قەھۋەگە بولغان سەزگۈرلۈكى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، سىمپاتىك نېرۋىنى ئاسانلا غىدىقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە چارچاپ كەتسە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ دېدى.

ئۆسمە، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىقلار دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما كېسەل، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوزۇلما كېسەلگە قارىتا، بىرىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچىدىن، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش، بالدۇر بايقاش كېرەك.

«ئالدىنى ئېلىش دېگەن كونا گەپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان %60تىن ئارتۇق ئامىلنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاستا كېسەللىكنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئالدىنى ئېلىش. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنى ئېلىشنى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، چەكلىمىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈش، نۇرغۇن مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئېلىپ كېلىدۇ.

جۇڭ نەنشەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، مەسىلەن، ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىق بەزى ئۆسمىلەرنىڭ ھازىرغىچە سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆسمە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش بېسىمى، تۇرمۇش رىتىمى ۋە ئۇخلاش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نېمە ئۈچۈن ئۈچەي راكى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؟ يېمەك-ئىچمەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن چوڭ. جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە ماي، خولېستېرىن تۈرىدىكىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، تالا تۈرىدىكىلەر بارغانسېرى ئازىيىپ، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتىدۇ.

شىۋېتسىيە كارولىنسكايا تېببىي ئىنستىتۇتى ۋە ئاۋسترالىيە گرىففىس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئاكتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلى (مەسىلەن، كۆكتات يېيىش، چېنىقىش ۋە تاماكا تاشلاش) نى تاللىغاندا سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ تەتقىقات «ئامېرىكا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلىنغان 100 نەچچە پارچە تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىنى سىستېمىلىق ئومۇمىي بايان ۋە يىغىپ تەھلىل قىلىپ، قايسى خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈردى. 16 دۆلەت ۋە رايوندىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ھاراقنى مۇۋاپىق ئىچىش، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋە تاماكا تاشلاش، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى خەۋپىنى %14تىن %22كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچى جېيىمون كەيلى مۇنداق دېدى: «تۇرمۇش ئۇسۇلى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دوختۇرلار بۇنىڭغا ئاساسەن تېخىمۇ ياخشى كىلىنىكىلىق تەدبىر بەلگىلىسە بولىدۇ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۇناسىپ تەڭشەپ، بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ» دېدى.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ تۇرمۇش تەكلىپى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ساغلام كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ؛ بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساغلام يېمەك-ئىچمەك، قەرەللىك چېنىقىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشنى ئازايتىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

كۆرسەتمىدە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قاتار كونكرېت تەكلىپلەر تەۋسىيە قىلىنغان، مەسىلەن، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ چېنىقىش ئارقىلىق بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش؛ تاماكا تاشلاشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش؛ ساغلام، تەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەكنى تەۋسىيە قىلىش، مەسىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى يېمەك-ئىچمەك، يەنى مېۋە-كۆكتات، بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، تاماق ئەتكەندە زەيتۇن يېغى ئىشلىتىشنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىش؛ ھاراق ئىچىشنى توختىتىش قاتارلىقلار.

يەنە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، سېمىزلىكتىن ساقلىنىشنى ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت كېسىلى، قاندىكى ماي ۋە خولېستېرىننىڭ بىنورماللىقى، خامۇشلۇق كېسىلى، ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ساغلاملىق خەۋپىنى كونترول قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇش ياكى بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى زادى قانداق بولىدۇ؟

بىز ھەرىكەت، يېمەك-ئىچمەك، كەيپىيات ۋە ئۇخلاش، ھاراق-تاماكا، بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن دىققەت قىلساق بولىدۇ.

1. ھەرىكەت ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ھالقا. ئەگەر ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلىماقچى بولسىڭىز، ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئاللىقاچان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، كېسەل بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولسا ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، ھەر ھەپتىدە 225 مىنۇتتىن 300 مىنۇتقىچە بولغان ئوتتۇراھال سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يېمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە ساغلام مايلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى تەركىبىدىكى ماي قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كولباسا، باكون قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىدىكى گۆشلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. يەنە ئامال بار تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ تىپىك بولغىنى ھازىر كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئەتكەن چاي. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايلانما تىپلىق ياغ كىسلاتاسى ۋە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك.

3. كەيپىيات جەھەتتە بىز ئۆزىمىزنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، تەشۋىشلىنىش، قايغۇرۇش، بېسىم چوڭ بولۇش كەيپىياتىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز يەنە ياخشى ئۇخلاشنى ساقلاپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلاش دەۋرى، قەرەللىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دورىغا تايانماي ئۇخلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

4. تاماكا، ھاراق جەھەتتە، تاماكا چېكىشنى مۇتلەق چەكلەش، تاماكا چېكىدىغانلاردىن يىراقراق تۇرۇڭ، تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرۇڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاراق ئىچىشنى چەكلەش

5. ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇشتا، بىز يەنە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: ئەلكۈيى تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-07 / 08:57:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ