جۇڭگو تېبابىتىدە «پەللە» ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بەزى ئالاھىدە نۇقتىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بەدەندىكى جىڭلو، ئىچكى ئەزالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە فىزىيولوگىيەلىك رولغا ئىگە. بۇ پەللىلەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالاشتا يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، ئۇۋۇلاش، ئەمەن بىلەن داغلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە ئىشلىتىلىپ، بەدەندىكى قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: پەللە
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: acupuncture point, acupoint
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 穴位
تۈركچە ئاتىلىشى: Akupunktur noktası, akunoktası
پەللىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
1. پەللىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى : پەللە خالىغانچە تاللىنىدىغان نۇقتا ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك جۇڭيى داۋالاش تارىخىدا يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن بەدەننى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغان ئالاھىدە ئورۇن نۇقتىلىرى.
2. جىڭلو يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش رولى : پەللە جىڭلو بىلەن تۇتىشىدۇ، جىڭلودا قان ۋە قۇۋۋەت ئايلىنىدىغان يول، پەللە خۇددى «ۋىكليۇچاتېل» غا ئوخشاش جىڭلونىڭ قان ۋە قۇۋۋەت ئايلىنىشىنى تەڭشەيدۇ.
3. داۋالاش ئۈنۈمى : ئوخشاش بولمىغان پەللىلەرنىڭ بەدەندىكى ئوخشاش بولمىغان ئورۇن، ئىقتىدار ۋە ئەزالارغا قارىتا ئالاھىدە داۋالاش رولى بار. مەسىلەن، دائىم ئىشلىتىلىدىغان «خېگۇ پەللىسى» باش ئاغرىش، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، «زۇسەنلى پەللىسى» بولسا دائىم ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
پەللىلەرنى تۈرگە ئايرىش
پەللىلەر ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى 14 جىڭلوغا تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 سى دۇرۇس ( شۇۋسەنيىن، شۇۋسەنياڭ، زۇسەنيىن، زۇسەنياڭ )، يەنە ئىككىسى چىجىڭ بامەي دىكى رېنمەي تومۇرى ۋە دۇمەي تومۇرىدىن ئىبارەت. بۇ پەللىلەر ئوخشاش بولمىغان جىڭلو ۋە بەدەندىكى ئورۇنلارغا تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئوخشاش بولمىغان ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل پەللە
1. بەيخۇي پەللىسى ( بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان ) : باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
2. خېگۇ پەللىسى ( قولنىڭ دۈمبىسى، باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ) : باش ئاغرىش، زۇكام بولۇش، يۈز قىسمىدىكى مەسىلىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
3. زۇسەنلى پەللىسى ( پاقالچاقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە جايلاشقان ) : ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4. شېنمېن پەللىسى ( بېغىشنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان ) : يۈرەك ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
پەللىنىڭ تەسىر قىلىش پىرىنسىپى
جۇڭيى نەزەرىيەسىدە، ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە قۇۋۋەت جىڭلو سىستېمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ، جىڭلودىكى پەللىلەر قان ۋە قۇۋۋەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ياكى تەڭشەيدۇ. پەللىلەرنى غىدىقلاپ، يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ياكى بېسىش ئارقىلىق جىڭلونىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
پەللە ئارقىلىق داۋالاش قانداق بولىدۇ؟
يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش : بۇ ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، يىڭنە بىلەن پەللىلەرنى غىدىقلاپ داۋالاش مەقسىتىگە يىتىدۇ.
ئەمەن بىلەن داغلاش: ئەمەن ئوتىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق كۈچى پەللىلەرنى غىدىقلايدۇ.
ئۇۋۇلاش : بېسىش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەللىلەرنى غىدىقلايدۇ.
پەللىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدىكى مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ سىرتتىن غىدىقلاش ئارقىلىق ئىچكى ساغلاملىقنى تۇتاشتۇرغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە بەدەننى تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.