ئىنوزىتولنىڭ رولى

ئىنوزىتولنىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: تالا ئاكتوھولى

تۈرى: ياغقا مايىل سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ئىنوزىتول B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرخىلى، ئۇ بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى، كاربون 4 ئوكسىدنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە ئامىنو كىسلاتانىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ۋە خولېستېولنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.

ئاساسلىق رولى: ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرولنىڭ سانلىق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، جىەەر ۋە باشقا توقۇلمىلاردىكى ياغنىڭ مادا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنىڭ جىگەرگە جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھۆل تەمرەتكىنى داۋالايدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: نېرۋىدا كېسەللىك ئكزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت يېتىشمىسە ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: دائىم تەركىبىدە كوففېئىن بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلار.

زىيادە كۆپ كوففېئىن قوبۇل قىلغانلىقتىن بەدەندە ئىنوزىتول يېتىشمەسلىككە سەۋەپچى بولۇپ، ئىنوزىتول كەملىك كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەركىبىدە كوففېئىن بار يېمەك-ئىچمەكلەرنى، مەسىلەن: قەھۋە، چاي قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىنوزىتولنى كۆپرەك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.

ھۆل تەمرەتكە چىققان بىمارلار: يېتەرلىك ئىنوزىتول ئىستېمال قىلغاندا، ھۆل تەمرەتكە چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

خولېستېرول، قاندىكى ياغ مىقدارى يۇقىرىراق بولغانلار ياكى ئارتېرىيە قېتىشىشقا مۇپتىلا بولغانلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.

ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: جىگەر، ئېچىتقۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، كالا يۈرىكى، كۆك پۇرچاق، لىگا ئاق تۇرۇچ (چوڭ ئاپېلسىن)، كىشمىش ئۈزۈم، خاسىڭ كاللەكبەسەي قاتارلىقلار.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: تەتقىقاتلاردا ككپ مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىسا قوشۇمچە تەسىر پەيا قىلىدىغانلىقى تېخى كۆرسىتىپ بېرىلمىدى. لېكىن ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ككپ مىقداردا ئىستېمال قىلماقچى بولغاندا، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش لازىم.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

فوسفاتىدىل خولىن ئىستېمال قىلغاندا، ئىنوزىتول ۋە خولىنلار بەدەندىكى فوسفور مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقتىن، بىرلا ۋاقىتتا يەنە كالتسىي ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى فوسفور ۋە كالتسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىنوزىتول ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى خولىن ۋە باشقا ۋىتامىنلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى: چوڭلارنىڭ كۈنلۈك ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىش مىقدارى 1000 مىللىگرام.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:49:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ