ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلارۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى

ۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىتامىن بىلەن مىنېرال ماددا ئوخشاشلا ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمەيدىغان مىكىرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتقا تەۋە. ئىككىسىنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە:

ۋىتامىن ئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت، مىنېرال ماددا بولسا ئانئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. ۋىتامىن بولسا ئورگانىزىمدىن ياسىلىپ چىقىدىغان ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئورگانىزىم تەرىپىدىن تولۇق پايدىلىنىلغاندىن كېيىن كاربون(IV) ئوكسىدى بىلەن سۇغا ئايلىنىدۇ؛ مىنېرال ماددا بولسا تۇپراق، تاشلارنىڭ تەكرىبىدە ساقلىنىدۇ، ئورگانىزىم ئۇلارنى تۇپراقتىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز تېنىدە ساقلايدۇ.

ۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى

مىنېرال ماددا زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈنۈملۈك مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، سەللا كۆپ بولۇپ كەتسە، زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەمما ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە زەھەرلىنىش پەيدا قىلىش پۇرسىتى  ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلاردىن ۋىتامىنA، ۋىتامىن D دىن باشقا، قالغان ۋىتامىنلارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈنۈملۈك مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ، ھەتتا زەھەرلىنىش پەيدا قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. كالىتسىي بولسا زەھەرلىنىش پەيدا قىلمايدىغان بىردىنبىر مىنېرال ماددا (چۈنكى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئورگانىزىم تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدۇ)، باشىقا مىنېرال ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولغاندا بىردەك زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشتا ئۇلارنىڭ دورا مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ۋىتامىن بىلەن مىنېرال ماددا ئىنتايىن ياخشى شېرىكلەر بولۇپ، ئۇلار بەدەندە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۈنۈمىنى بىرلىكتە جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسىلەن: ۋىتامىن D نى تولۇقلاشتا چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا كالىتسىينىمۇ تولۇقلاش زۆرۆر، مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىنD نى بەدەندە ئاكتىپلىشىپ رولىنى جارى قىلىدىغان قىلغىلى، بۇ ئارقىلىق كالىتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-28 / 01:48:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ