تورداشدىن سوئال

ھەركۈن قورسىقىم ئاغرىيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ئۆزۈم ئوغۇل،
28 ياش.
ئېغىرلىقىم 80 كىلو ئەتراپىدا

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. بۇ سوئال بەكلا كەڭ دائىرىلىك بىر سوئال بولۇپ قاپتۇ.
بوي ئىگىزلىكىڭىز، كەسپىڭىز، بۇلارنىمۇ بىلىپ باقساق ياخشى بولىدۇ.
قورساقنىڭ قايسى قىسمى ئاغرىيدۇ؟
ئىچى سۈرۈش بولامدۇ؟
بۇلارنىمۇ بىلسەك ياخشى بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى قانچە تەپسىلىي تەمىنلەپ بەرسىڭىز، دوختۇرمۇ سىزگە شۇنچە تەپسىلىي جاۋاپ قايتۇرالايدۇ. خالىسىڭىز تۆۋەندىكى قىسقىچە ماقالىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ. كېلەر قېتىم دوختۇرلارغا مۇشۇ شەكىلدە ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز ياخشى بولىدۇ.
https://dohturlar.com/doxturxanida-dohturlar-sizdin-nime-soallarni-soraydu/
سالامەت بولۇڭ.