مەقئەت يېرىلىش مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرە ياكى شىللىق پەردىدە پەيدا بولغان كىچىك يېرىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاغرىش ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەقئەت يارىسى بولسا مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرە ياكى شىللىق پەردىدە پەيدا بولغان يارىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇمۇ ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. قەۋزىيەت:ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت چوڭ تەرەتنىڭ قاتتىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، تەرەت قىلغاندا زىيادە كۈچىگەندە مەقئەت ئەتراپىدىكى بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەقئەت يېرىلىش ياكى مەقئەت يارىسى پەيدا بولىدۇ.
2. ئىچ سۈرۈش:تەكرار ئىچ سۈرۈشمۇ مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرە ۋە شىللىق پەردىنى غىدىقلاپ، ياللۇغ ۋە زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. تۇغۇت جەريانى:تۇغۇت جەريانىدا مەقەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، مەقەت يېرىلىش ياكى مەقەت يارىسىنىڭ خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
4. باشقا سەۋەبلەر:مەسىلەن، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى، ئۆسمە قاتارلىقلارمۇ مەقئەت يېرىلىش ياكى مەقئەت يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر مەقئەت – تۈز ئۈچەينى تەكشۈرۈپ، مەقئەت يېرىلىش ياكى مەقئەت يارىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى بېكىتىدۇ.
2. ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش:دوختۇر مۇرەككەپ كېسەللەرگە قارىتا ئېندوسكوپتا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئورۇننىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشى مۇمكىن.
3. قان سىنىقى:كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان بەزى سىستېمىلىق كېسەللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
4. تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا، دوختۇر تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. پاكىز ۋە قۇرغاقلىقنى ساقلاش:مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ پاكىز ۋە قۇرغاقلىقىنى ساقلاش، زىيادە سۈركىلىش ياكى غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. دورا بىلەن داۋالاش:رېتسېپسىز دورىلار، مەسىلەن، يەرلىك ئورۇننى ناركوز قىلىش مەلھىمى، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش مەلھىمى قاتارلىقلار ئاغرىقنى پەسەيتىش ۋە ياللۇغنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئېغىر ئەھۋالغا نىسبەتەن، دوختۇر رېتسىپ يېزىپ بېرىشى مۇمكىن.