تۈنۈگۈن ئۆت ئوپىراتسىيەسى قىلىشنى پىلانلىغان ھەدىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق. ئاز تولا ئۆت تېشى توغرىلىق مەزمونلارنى قەغەزگە ئۆت يولىنى سىزغاچ سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. كەچتە بۇ رەسىمنى ئىشلەپ ئەۋەتىپ قويسام خېلى خوش بولۇپ قالدى.
ئۆت تېشى
胆结石
gallstone
cholelithiasis
safra taşı
ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆتىدە تاش بار. ئۆت تاشنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش (مالىيەت ۋە بەدەنگە زىيىنى ئەڭ تۆۋەن، يوق دىيەرلىك). ئەمما نەتىجىسى 100%دە 100 توغرا چىقىشى ناتايىن. بەزى تاشلار بەك كىچىك، بەزى تاشلار يۇمشاق سەۋەبلىك ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈشلەردىن سى تىCT (تۈركچە ب ت BT)، ERCP, MRCP، قان تەكشۈرۈش… ۋە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار.
ئۆت تېشى ئۆتتىن چىقىپ، ئۆت يولىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە توسۇلۇپ قالسا، شۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى ئۆت يولىدە كېڭىيىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ كېڭىيىش سەۋەبلىك شۇ يەردە ياللۇغ، ئاغرىق ۋە باشقا ئالامەتلەر پەيدا قىلىدۇ. تاش ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتەلمىسە، ئوپىراتسىيە ئارقىلىق چۈشۈرۈش لازىم.