ئانا سەھىپەساغلاملىقئورۇقلاشئوتتۇرا ياشتا ئورۇقلاش مېڭىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

ئوتتۇرا ياشتا ئورۇقلاش مېڭىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

ئوتتۇرا ياشتا ئورۇقلاش مېڭىگە زىيانلىقمۇ

سېمىزلىك نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ ئېغىر ساغلاملىق خىرىسلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئادەتتە، سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلاملىق خەتەرلىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئورۇقلاش دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئورۇقلاش ياشلارغا ئوخشاش ساغلاملىق مەنپەئەتى ئېلىپ كەلمەي قالماي، بەلكى بەزى ئەھۋاللاردا مېڭە ساغلاملىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئوتتۇرا ياشتا ئورۇقلاش مېڭىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياشلىق ھايۋانلاردا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى مېڭىنىڭ ئىشتىھا ۋە ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىغا مەسئۇل رايونلىرىدا ياللۇغلىنىشنى كۈچەيتىۋەتكەن. بۇ خىل ياللۇغلىنىش بولسا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى «GeroScience» (قېرىش ئىلمى) ژۇرنىلى 2025-يىلى دىكابىر ژانىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

 

ئورۇقلاشنىڭ مېڭىگە كۆرسىتىدىغان كۈتۈلمىگەن تەسىرى

تەتقىقاتچىلار ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق چاشقانلاردا يېمەك-ئىچمەك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇقلاش جەريانىنى كۆزەتكەن. گەرچە ئىككىلا گۇرۇپپىدا ئورۇقلاش قاندىكى شېكەرنىڭ كونترول قىلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ياشلىق چاشقانلاردا بىر خىل كۈتۈلمىگەن پەرق كۆرۈلگەن. ئورۇقلاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ گىپوتالامۇس (Hypothalamus) قىسمىدا ياللۇغلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

مېڭىنىڭ بۇ قىسمى ئىشتىھا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە باشقا مۇھىم فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارلارنى باشقۇرىدىغان مەركەز بولۇپ، بۇ يەردىكى ياللۇغلىنىش مېڭىنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولغان «كىچىك نېرۋا يېلىم ماددا ھۈجەيرىسى – مىكروگلىيا» (Microglia) ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. يۇقىرى تېخنىكىلىق مىكروسكوپ ئاستىدا ئېلىنغان سۈرەتلەر بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ زىيادە ئاكتىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

 

تەتقىقاتتىكى مۇھىم بايقاشلار:

  • ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ ياخشىلىنىشى: ئورۇقلاش ياش تاللىماستىن قاندىكى شېكەرنى تەڭشەش ۋە مېتابولىزىمنى ياخشىلاشتا ئۈنۈملۈك بولغان.
  • مېڭە ياللۇغلىنىشى: ئوتتۇرا ياشلىق چاشقانلاردا ئورۇقلاش گىپوتالامۇس رايونىدا كۈچلۈك ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى قوزغىغان.
  • يوشۇرۇن خەتەر: مېڭىدىكى تۈزەلمەيدىغان ياكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ياللۇغلىنىش ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئالزېيمېر (Alzheimer) كېسىلىگە يول ئېچىشى مۇمكىن.
  • ئىنكاسنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى: بۇ خىل مېڭە ياللۇغلىنىشى ئورۇقلاپ بىر نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىگەن.

 

ئوتتۇرا ياشتا ساغلام ئورۇقلاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، ئىسرائىلىيە بېن-گۇرىئون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالون زېمېر (Alon Zemer) مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىز شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئوتتۇرا ياشتىكى ئورۇقلاش ياشلىق مەزگىلىدىكى ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئاددىي نۇسخىلاش ئەمەس. سېمىز كىشىلەر ئۈچۈن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئورۇقلاش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما بىز ئورۇقلاشنىڭ مېڭىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چۈشىنىشىمىز ۋە مېڭە ساغلاملىقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

تەتقىقاتچى ئالېكساندرا تىسترىنا (Alexandra Tsitrina) نىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە، بۇ تەتقىقات مېڭىنىڭ ئورۇقلاشقا بولغان ماسلىشىش ئىنكاسىنى مولېكۇلا ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئىلغار مىكروسكوپ تېخنىكىسى ۋە ھېسابلاش تەھلىللىرى ئارقىلىق، مېڭىدە يۈز بەرگەن، ساغلاملىققا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدىغان كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بايقاش مۇمكىن بولغان.

ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئورۇقلاشنى پىلانلىغاندا، پەقەت بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلار بۇ خىل مېڭە ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىش ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدەنگۈسى.

 

مەنبە: Weight loss aggravates obesity-induced hypothalamic inflammation in mid-aged mice

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ