ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالائانا دېگەن مانا مۇشۇنداق - ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق – ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил
ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق – ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ
ئۇ سېنى بوۋاق چېغىڭدا باغرىغا باستى، سەن كېچىچە جىدەل قىلىپ ئۇخلىمىساڭ، ساڭا قىلمىغىنى قالمىدى ھەتتا سەن بىلەن تەڭ يىغلىدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق – ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

سېنى كېچىدە سىيىپ ئورنىنى يۆل قىلىۋەتمىسۇن دەپ كېچە يېنىش يېنىشلاپ ئويغۇنۇپ زاكاڭنى تۇتۇپ باقتى، زاكا ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگىرەلمىسە يۆل يەردە ئۆزى يېتىپ ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئورنىدا سېنى ياتقۇزدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن سەل چوڭ بولۇپ جىدەل قىلىشنى بىلگەندىن باشلاپ، كېچىسى ئوڭاي ئۇخلىمايدىغان بولىۋالدىڭ، ئۇ سېنىڭ يېنىڭدا يېتىپ ساڭا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەردى، بەدەنلىرىڭنى سىلاپ ھېچ بىر ئىنسان بېرەلمەيدىغان بەختنى ئۇ ساڭا بەردى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سېنىڭ بال پىرەنىككە ئامراقلىقىڭنى بىلىپ سېنى ئۇخلىتىپ قويۇپ كېچىچە بال پىرەنىڭ پىشۇردى، ئۇ تېخى يەنە ئەتە ئىشلىشى كېرەك ئىدى، بۇنىڭغا سەن تېخى «چوڭلارنىڭ ئۇيقۇسى ئاز» دېدىڭ، كېچىچە ئۇخلىماي ساڭا بال پىرەنىڭ پىشۇرغان كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن مەكتەپكە كىرىۋېدىڭ ئۇ يەنە كېچىدە كىرپىك قاقمىدى، شۇ كېچە ئۇ يېنىش – يېنىشلاپ سېنىڭ بوخچاڭنى تەكشۈرۈپ چىقتى، ئۇ بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالمىسىكىن، دەيتتى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن ئالىي مەكتەپكە كىردىڭ، ئۇ بۇ خەۋەرنى قۇلۇم قوشنىلارغا ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئېيتىپ بەردى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئاپپاق ئوغلۇم، كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىدىغان بولدى…» ئۇ مانا مۇشۇنداق نەچچە كۈنگىچە قويغان تۇتقىنىنى بىلمەي يۈردى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سېنىڭ تويۇڭ بولغان شۇ كۈنى ئۇ كېچىنى يەنە كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى، سەن ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باشقىچە تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇراتتىڭ، «بىچارە بالام» ئۇ يەنە خىيال قىلىشقا باشلىدى، » مەن ئەتكەن ئەتكەن چاينى بەك ياخشى كۆرەتتى» بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
كېيىن ئۇ سېنى ئۇزۇن ئۇزۇندا كۆرىدىغان بولدى، سېنى ھەر بىر قېتىم كۆرگىچە كۆزى تۆت بولاتتى، ئەمما سېنى كۆرگەندە تارتقان ئازابلىرىنى ساڭا بىلىندۈرمەيتى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن راۋرۇس ئادەم بولۇپ ئۆز ئالدىڭغا ياشاشقا باشلىغاندا قانداقتۇ بىر نەرسىدىن رازى بولغاندەك كۈلۈمسىرەيتتى، گايىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتاتتى، ئۇ بۇنى تاكى كۆزى يۇمۇلغىچە داۋام قىلدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 11:26:00

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ