بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاشقازان قاناش يۇقىرىقى ھەزىم يوللىرىدا قان چىقىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، شوك بولۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ خىل ئامىللار ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، زىيادە چارچاش، ھاراق ئىچىش، سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرىدىن زەخىملىنىش ۋە قانۇنىيەتلىك بولمىغان يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار.
ئۇنداقتا قايسى كېسەللىكلەر ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان ئاستى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى
قىزىلئۆڭگەچ-ئاشقازان ئاستى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى جىگەر قېتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋېنالارنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى قاننىڭ قايتما ئېقىم قارشىلىق كۈچىنىڭ چوڭىيىپ، قان تومۇرلارنىڭ يوغىناپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ خۇددى ئىككى پۇتىمىزدىكى ۋېنا تومۇرلارنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىگە ئوخشايدۇ.
نورمال ئەھۋالدا ھەزىم قىلىش يولدىكى ۋېنا قېنى جىگەرگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن قاپقا ۋېنا سىستېمىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەمما جىگەر تالالىشىش ياكى جىگەر قېتىش ھەمدە ۋېنا تومۇرىدىكى قاننىڭ قايتما ئېقىم قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كەتكەندە، ھەزىم يولدىكى ئىچكى ۋېنا تومۇرلارنىڭ ئەگرى ـ بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە ۋېنالار ئەگرى-بۈگرى كېڭەيگەندە، يېمەكلىك ئاسانلا تىتىلىپ كېتىدۇ ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن چىرىپ، ئاشقازان يېرىلىپ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىماردىن چىققان قاننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
2. ئاشقازان يارىسى پەيدا بولۇش سەۋەبلىك ئاشقازان قاناش
ئاشقازان يارىسى بار بىمارلارنىڭ ئادەتتە قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىيدىغان بولۇپ، ئىشقارلىق دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاغرىق بەلگىلىك دەرىجىدە پەسىيىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن شەلۋەرەپ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ۋاقىت ئۇزارغانچە يارانىڭ ئورنى يوغىناپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئاشقازان دىۋارى قان تومۇرلىرى چىرىپ يېرىلىپ، ئاخىرىدا ئاشقازاندا چوڭ قاناش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىماردا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە قان قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3. ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىملەنگەنلىكتىن ئاشقازان قاناش
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك ھاراقنى كۆپ ئىچىش، كۆپ ياكى ئېغىر دەرىجىلىك ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىش قاتارلىق ئېغىر غىدىقلىنىشقا ئۇچراش سەۋەبلىك ئاشقازاندا غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك يارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئاشقازان راكى
ئاشقازان راكى بىر قەدەر خەتەرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاشقازاندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، راك ھۈجەيرىلىرى قىسمەن نېكروزلىنىدۇ ۋە يىرىڭلاپ قانايدۇ. ئەگەر ئاشقازان چوڭ قان تومۇرلىرى چىرىپ كەتسە، كۆپ مىقداردا قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى قان قۇسۇش ھەمدە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش.
مەيلى قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئاشقازان قاناش بولسۇن، چوقۇم ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرى كېرەك. دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈپ، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19643679.shtml