ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

خۇسۇسىي سىر بەلگىلىمىلىرى

Privacy Policy

 

شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش كېلىشىمى (Privacy Policy)

ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024-يىلى 5-ئاي

«دوختۇرلار» (Dohturlar) ئەپى ۋە تور بېكەتلىرىمىز سىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىڭىزگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ ئۇچۇرلارنى قانداق يىغىدىغانلىقىمىز، ئىشلىتىدىغانلىقىمىز ۋە قوغدايدىغانلىقىمىز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.

1. تور بېكەت ئادرېسلىرىمىز:

2. ئۇچۇر يىغىش ۋە ئىشلىتىش:

  • IP ئادرېسى ۋە بىخەتەرلىك: تور بېكىتىمىز ۋە ئەپىمىزنىڭ نورمال ئىشلىشى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە تۈرلۈك تور ھۇجۇملىرىنىڭ (خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى) ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زىيارەتچىلەرنىڭ IP ئادرېسى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەيمىز.

  • ئەزا ئۇچۇرلىرى: تور بېكىتىمىزگە ياكى ئەپىمىزگە ئەزا بولۇپ تىزىملاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىز تولدۇرغان ئىسىم (تەخەللۇس) ۋە ئېلېكترونلۇق پويىت ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سىستېمىمىزدا ساقلايمىز.

  • ساغلاملىق ئارخىپى: ئەپ ئىچىدىكى «شەخسىي ئۇچۇرلىرىم» بېتىدە سىز كىرگۈزگەن بوي، ئېغىرلىق، جىنسىيەت ۋە تۇغۇلغان كۈن قاتارلىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى پەقەت سىزنىڭ بەدەن ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىڭىزنى (BMI) ھېسابلاش ۋە سىزگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ساغلاملىق تەكلىپلىرىنى بېرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.

3. ئۇچۇرلارنى ساقلاش سىياسىتى:

  • يەرلىك ساقلاش: سىز ئەپ ئىچىدە كىرگۈزگەن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى (بوي، ئېغىرلىق قاتارلىقلار) ۋە يۈكلىگەن باش سۈرىتىڭىز ئاساسلىقى ئۆزىڭىزنىڭ تېلېفونىدا (Local Storage) ساقلىنىدۇ.

  • ھەمبەھىرلىمەسلىك: بىز خاتىرىلىگەن IP ئادرېسىڭىزنى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياكى ساغلاملىق ئارخىپىڭىزنى ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئورگانلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىمەيمىز، ئاشكارىلىمايمىز ۋە ساتمايمىز.

4. ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەتلىرى:

  • ئۇقتۇرۇش (Push Notifications): بىز OneSignal مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ سىزگە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىمىز. بۇ جەرياندا ئۈسكۈنە كىملىكى (Device ID) قاتارلىق شەخسىي بولمىغان تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

  • خەرىتە ۋە ئۇلىنىشلار: ئەپ ئىچىدە سىرتقى تور بېكەت ئۇلىنىشلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەخپىيەتلىك كېلىشىمى بولىدۇ.

5. سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز:

  • سىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەپ ئىچىدىكى تەڭشەكلەر ئارقىلىق بارلىق غەملەكلەرنى (Cache) تازىلىيالايدۇ ياكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

  • ئەگەر ئەزا ئۇچۇرلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

6. ئالاقىلىشىش:

مەخپىيەتلىك كېلىشىمىمىزگە ئائىت سوئاللىرىڭىز بولسا، تور بېكىتىمىز ياكى ئەپ ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.


«دوختۇرلار» ساغلاملىق سۇپىسى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-30

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2026-01-31 / 08:06:31