ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار

ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەت ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ياشانغانلاردا دائىم تەستە ئۇخلاش، كۆپ چۈش كۆرۈش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلىسە، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدىنىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن ساغلام بولغىلى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.

ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار

 

ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەتتە ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

تۆتنى يېمەسلىك

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك.

گۆش، پېچىنە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مايدا پىشۇرۇلغان، تاتلىق يېمەكلىكلەر، قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. بۇلار ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى تەستە ھەزىم بولىدۇ، ئۇخلاش ئالدىدا تاماق يېيىشمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

2. ھاراق ئىچمەسلىك

بىر قىسىم ياشانغانلاردا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش ئادىتى بار بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئۇخلاش ئادىتى ناھايىتى ئاسانلا بالدۇر ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

3. چاي، قەھۋە ئىچمەسلىك، شاكىلات يېمەسلىك.

ئادەتتە ياشانغانلارغا تاماقتىن كېيىن ئۇخلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چاي ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بولۇپمۇ قېنىق چاي، قەھۋە، شاكىلات قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغان ماددىلار بار، كەچلىك تاماقتىن كېيىن بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئۇخلىيالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ، كۈندۈزى بولسىمۇ بەك كۆپ يېمەسلىك، چاينى بەك قېنىق ئىچمەسلىك كېرەك.

 

4. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك.

كۆپىنچە كېچىلىك تاماقلار ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر بەدىنىمىزنى غىدىقلاپ، روھلاندۇرۇپ، ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئۈچنى قىلماسلىق

1. جىددىي ھەرىكەت قىلماسلىق.

ئادەتتە كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

 

2. غىدىقلايدىغان ۋىدىيولارنى كۆرمەسلىك ياكى غىدىقلايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىماسلىق.

تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان كىنو قاتارلىقلار ئادەمنى ئوڭايلا ۋەقەلىككە غەرق قىلىدۇ، ئۇيقۇغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى ئويۇنلارنى ئويناش ياكى كىچىك ۋېدىيولارنى كۆرۈشمۇ ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بەزىدە ئۆزىنى كونترول قىلالماي، ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويسا، ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

 

3. ئاچچىقلانماسلىق.

ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن روھىي ھالەتنى ياخشى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ئاچچىقلانماسلىق كېرەك.

زىيادە ھاياجانلىنىش (زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى چۈشكۈنلىشىش) بىزنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىمىزگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئامال بار باشقىلار بىلەن تاكاللاشماسلىق كېرەك. بەك ئېغىر غەم-ئەندىشىدە بولماسلىق، جورىسى ياكى پەرزەنتلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۈمىدۋار، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش، ئۇيقۇغا تېخىمۇ پايدىلىق.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17944508.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-09-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-09-03 / 03:10:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ