پۇت – قول تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، كۆپ خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. غەرب تېبابىتىدە بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىنىڭ سەۋەبىگە چوڭقۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. مۇسكۇللارنىڭ چارچىشى:ئۇزۇن ۋاقىت ياكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت مۇسكۇللارنىڭ چارچىشى ۋە تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى:مەسىلەن:ۋىتامىن D، B توپى، ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى ۋە ماغدۇرسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقى:مەسىلەن، كالىي، كالتسىي، ناترىي قاتارلىق ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى مۇسكۇللارنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشى ۋە ماغدۇرسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى:مەسىلەن، كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشىش، پاركىنسون كېسىلى قاتارلىقلار پۇت – قول تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. ئايلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسى:مەسىلەن:قان ئازلىق، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
6. باشقا سەۋەبلەر:مەسىلەن، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، تالالىق مۇسكۇل ئاغرىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇر كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بەدەن تەكشۈرىدۇ ھەمدە پۇت – قولنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ۋە مۇقىملىقىنى كۆزىتىدۇ.
2. قان تەكشۈرۈش:قان ئازلىق، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
3. نېرۋىنى ئېلېكتروفىزىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش:مەسىلەن، نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نېرۋىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالىغىلى بولىدۇ.
4. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى، MRI نۇرى ياكى CT سۈرىتى قاتارلىقلار سۆڭەك سۇنۇش، ئۆسمە ياكى باشقا قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
5. شىنديەنتۇ ۋە باشقا يۈرەك تەكشۈرۈش:يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنغان مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. دورا بىلەن داۋالاش:سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلار ( NSAIDs ) ،مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرغۇچى دورىلار ياكى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلار.
2. فىزىكىلىق داۋالاش:مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاغرىقنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
3. يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش:يېتەرلىك ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.
4. دەم ئېلىش ۋە ئەسلىگە كېلىش:بەدەنگە يېتەرلىك دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5. باشقا داۋالاش:يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، ئۇۋۇلاش ياكى ئىسسىق/سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار.
ئەگەر سىز ياكى سىز تونۇيدىغان كىشىلەردە پۇت قول تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش توغرىسىدا مەسىلە بولسا، ۋاقتىدا دوختۇردىن ياكى كەسپىي داۋالاش ئورگانلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ باھالاش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.