ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىنى يۇيۇندۇرۇش كىچىك مەسىلە، ئەمما يۇيۇندۇرغاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى چوڭ ئىش ھىسابلىنىدۇ. ئاتا –ئانا بالىنى يۇيۇندۇرغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، بولمىسا يىقىلىپ كېتىش، كېسىلىپ كېتىش، كۆيۈپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بالىنى بىخەتەر يۇيۇندۇرۇشتا بىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1.تازىلىق ئۆيىدىكى ئۈسكۈنىلەر بالىدا ئاسانلا تىغ يارىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىغا ئۇ نەرسىلەرنى تۇتقۇزماسلىق كېرەك. مەسىلەن : ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلار

2.بالىنى تازىلىق ئۆيىدە يالغۇز قالدۇرماسلىق كېرەك.

3.بوۋاق بالىغا چوڭلارنىڭ بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە ئاسانلا تىرىسىدە زەخىملىنىش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئامال بار بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغان مەخسۇس بالىلار بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا پاكىز سۇ ئىشلىتىش كېرەك.

4.بوۋاق سۇدىكى ۋاقىتتا ھەرگىز سۇغا ئىسسىق سۇنى قۇيماسلىق، ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر داسقا ئىلمان سۇ تەڭشىۋىلىپ، ئاندىن يۇيۇندۇرغان داسقا قۇيۇش كېرەك.

5.بالا يۇيۇنغان چاغدا ئويۇنچۇق ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئاتا –ئانىلار ئامال بار بىخەتەر بولغان، سۇدا ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

6.ياللۇغ يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئۆلچىمى بولسا تەبىئي يېقىملىق، بىخەتەر ئۈنۈملۈك.

7.بوۋاق بالا ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغاندا، قىززىپ، ياندۇرۇپ، ئىچى سۈرگەندە يۇيۇندۇرماسلىقى كېرەك. يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بەدەننىڭ قىل –قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، جىددىي خاراكتېرلىك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، شۇنداقلا شۈك كېسىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىشىش بولۇپ قالىدۇ. بوۋاق كۆيۈك يارىسى، سىرتقى يارا ، يىرىڭلىڭ قاپارتقۇ، ئەسۋە، سۇ قاپارتمىسى قىزىل قاتارلىقلارغا يولۇققاندا ئالدىراپ يۇيۇندۇرماسلىق كىرەك، بولمىسا يۇيۇندۇرغاندا ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا پاكىز لۆڭگىدە ئىلمان سۇ تەڭشەپ بەدەننى سۈرتۈپ بېرىشى كېرەك.

8.بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ. بوۋاقنى يۇيۇندۇرغان داس، لۆڭگە، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، ئۇپا قاتارلىقلارنى مەخسۇس ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ بېشىدا تەڭگىچە داغ ئىزى بولسا بېشىنى يۇيغاندا ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك.

9.يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئېمىتىشنىڭ ئالدىدا ياكى ئېمىتىپ بىر سائەتتىن كىيىن يۇيۇش كىرەك. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى كۈندە 1~2 قېتىم يۇيۇش كېرەك.

10.يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بالا ھەمرىيى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن قۇرۇق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، يۇيۇندۇرغاندا نەم تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە: تور دۇنياسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-01 / 09:21:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ