بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 6-12 سائەت ئىچىدە ۋاقتىنچە ئېمىتىلمەيدۇ. لېكىن ئاز مىقتاردا سۇ ئىچۈرۈلۈپ ئانىنى دەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. كېيىن ھەر 3-3.5 سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىلىدۇ. 1 سوتكىدا 6-7 قېتىم ئېمىتىلىدۇ. كېچىسى بىر قېتىم ئېمىتىلىدۇ؟ ھەر قېتىم 15-20 مىنۇت ئېمىتىلىدۇ.
بەدىنى ئاجىز ياكى يېتىلمەي تۇغۇلغان بالىلارنى ئېمىتىش ۋاقىت ئارىلىقىنى قىسقارتىش لازىم.
سۈت يېتەرلىك بولغاندا ، بوۋاق تويغاندىن كېيىن دائىم ئەمچەك تۈگمىسىنى چىقىرىۋېتىپ تېنچ ئۇيقىغا كىرىدۇ ياكى ھوزۇرلىنىپ ئوينايدۇ.
ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنى يۆگەپ كۆتۈرۈپ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قويسا، يۇتۇۋالغان ھاۋا چىقىپ كېتىپ، قۇسۇۋېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
سۈت مىقتارى يېتەرلىك بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى تەدرىجىي يۇقىرىلايدۇ. سۈت مىقتارى يېتىشمىسە، بوۋاقنى ئېمىتكەندىن كېيىن تېنچسىزلىنىپ، بىئارام بولىدۇ ياكى ئەمچەك تۈگمىسىنى شوراۋېرىپ قويۇپ بەرمەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئاشمايدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش لازىم.
ئەگەر ئەمچەك تۈگمىسى يېرىلىپ كەتسە، تېتراتسىكلىن، كورتىزون مەلھىمى چېپىپ ئېمىتىشتىن بۇرۇن سۈرتۈۋېتىلىدۇ. بوۋاقنىڭ كالپۇكى يېرىق بولۇپ ئېمەلمىسە سۈتنى سىقىپ ئېمىتىشكە بولىدۇ.
قەرەرلىك ئېمىتىپ بەرسە سۈتنىڭ ھەزىم بولۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. لېكىن مىخاينىكىلىق ئىجرا قىلماسلىق، ئەگەر بوۋاق ئاچ قېلىپ تېنچسىزلىنىپ بىئارام بولسا، گەرچە 3 سائەت توشمىسىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئېمىتىشكە بولىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى بىر تەرەپ ئەمچەكنى بوشىتىپ ئاندىن يەنە بىر تەرەپنى شورىتىش لازىم. يەنە بىر قېتىمدا ئىلگىرى بوشىمىغان تەرەپنى ئېمىتىش، مۇشۇنداق قىلغاندا ئەمچەكنى بوشىتىپ، سۈتنىڭ ئاجرىلىشىغا پايدىسى بولىدۇ.
ئەگەر ئانا زۇكام بىلەن ئاغرىسا، ماسكا تاقىشى، يۇقۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ئەمچەك تۈگمىسىنى يۇيۇپ سۈرتۈپ تازىلاش ھەمدە دەسلەپ سۈتتىن بىر نەچچە تامچە سىقىپ چىقىرىپ، سۈت قاناللىرىدىكى باكتېرىيىلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانىنىڭ ئوزۇقلۇنىشىغا دىققەت قىلىپ، شورپىلارنى كۆپرەك ئىچىپ، تازىلىققا دىققەت قىلىش بىلەن ئەمچەك تۈگمىسىنى قوغداش لازىم.
ئەگەر ئانا كېسەللەر بىلەن ئاغرىق بوۋاقنى ئېمىتەلمىسە، سۈتنى سىغىپ پىشۇرغاندىن كېيىن بالىنى ئېمىتىدۇ.
ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- ئانىنىڭ يىگەن تامىقىنىڭ مىتارى يېتەرلىك بولماي ياكى ئاقسىل كەم بولسا سۈت مىقتارى ئاز بولىدۇ. سۈتتىكى ئاقسىلنىڭ تۇتقان مىقتارىمۇ ئاز بولىدۇ. ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولۇپ، تاماق تاللاپ ياكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلسا، ھاراق ئىچسە سۈتنىڭ مىقتارى ئازىيىدۇ.
- روھىي غىدىقلىنىشلاردىن، مەسىلەن: قورقۇش، غەزەپلىنىش، ئويلاش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
- ئانا ھەرىكەچان ئۆپكە سىل كېسىلى، جىگەر ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىسا، ئېمىتىشنى توختىتىش لازىم.
- مەلۇم دورىلار سۈت ئارقىلىق چىققانلىقتىن، بوۋاققا زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: ئەپيۇن جىنسلىق دورىلار، ئاتروپىن، لۇمىنال ، سىماپ قاتارلىقلار…
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش