بەدىنىمىزدىكى قان — مىلياردلىغان كىچىككىنە ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان ھاياتلىق دەرياسىدۇر. بىز دائىم ئاڭلايدىغان قىزىل قان ھۈجەيرىسى, ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق «ئاتا-بوۋىسى» بار, ئۇ بولسىمۇ سۆڭەك يىلىكىدىكى غول قان ھۈجەيرىسى (blood stem cell) دۇر. بۇ مۆجىزىۋى غول ھۈجەيرە ئۆزلۈكسىز بۆلۈنۈش ۋە ئالاھىدىلىشىش ئارقىلىق, بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئىقتىدارغا ئىگە ھەر خىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مۇرەككەپ جەريان « قان ئىشلەپچىقىرىش » ( Hematopoiesis ) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ, ئۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر بىر مىنۇتىدا توختىماي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.
قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرى
تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ھەر بىر ھۈجەيرىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى ۋە ئىقتىدارى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ:
1. غول قان ھۈجەيرىسى (Blood stem cell)
بۇ بارلىق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەڭ ئەسلىي مەنبەسى بولۇپ, «ئەجداد ياكى ئانا» ھۈجەيرە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە ئوخشىمىغان تۈردىكى قان ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
2. يىلىك غول ھۈجەيرىلىرى (Myeloid stem cell)
بۇ غول قان ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىككى چوڭ شاخنىڭ بىرى. ئۇ ئاساسلىقى قىزىل قان ھۈجەيرىسى, قان پلاستىنكىسى ۋە كۆپ قىسىم ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى (دانچە ھۈجەيرىلەرنى) ھاسىل قىلىدۇ.
3. لىمفاسمان غول ھۈجەيرە (Lymphoid stem cell)
بۇ غول قان ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىككىنچى چوڭ شاخ. ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يادروسى بولغان لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى (T ۋە B ھۈجەيرىلەر) ھاسىل قىلىدۇ.
4. يىلىك ئانا ھۈجەيرە (Myeloblast)
يىلىك غول ھۈجەيرىسىدىن تەرەققىي قىلغان ياش ھۈجەيرە. ئۇ دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ (نىيترال دانچىلىق ھۈجەيرە – نېيتروفىل, ئىشقارخۇمار دانىچە ھۈجەيرە – بازوفىل, كىسلاتاخۇمار دانىچە ھۈجەيرە – ئېئوزىنوفىل) بىۋاسىتە ئالدىنقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
5. قىزىل قان ھۈجەيرىسى (Red blood cells)
بەدەنگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ھۈجەيرە. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گېموگلوبىن ئۆپكىدىن ئوكسىگېننى ئېلىپ, پۈتۈن بەدەنگە تارقىتىدۇ.
6. قان پلاستىنكىسى (Platelets)
قان توختىتىش ۋە قان ئۇيۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ھۈجەيرە پارچىلىرى. تومۇرلار زەخىملەنگەندە, ئۇلار دەرھال يىغىلىپ, قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7. دانچە ھۈجەيرىلەر (Granulocytes)
بۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر چوڭ ئائىلىسى بولۇپ, ئاساسلىقى باكتېرىيە ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار كىسلاتاخۇمار, ئىشقارخۇمار ۋە نېيترال ھۈجەيرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8. كىسلاتاخۇمار ھۈجەيرە (Eosinophil)
ئاساسلىقى پارازىت قۇرۇت يۇقۇملىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئاللېرگىيىلىك ئىنكاسلارنى تەڭشەيدۇ. ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەردە ئۇلارنىڭ سانى ئادەتتە ئۆرلەيدۇ.
9. ئىشقارخۇمار ھۈجەيرە (Basophil)
ئاللېرگىيىلىك ئىنكاسنى قوزغىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ گىستامىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاللېرگىيىلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. نېيترال ھۈجەيرە (Neutrophil)
بەدەننىڭ «بىرىنچى مۇداپىئە سېپى» بولۇپ, باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ. ئۇلار باكتېرىيەلەرنى بىۋاسىتە يۇتۇپ يوقىتىدۇ.
11. لىمفا ئانا ھۈجەيرە (Lymphoblast)
لىمفاسمان غول ھۈجەيرىدىن تەرەققىي قىلغان ياش ھۈجەيرە. ئۇ B ۋە T لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
12. B لىمفا ھۈجەيرىسى (B lymphocyte)
بەدەنگە كىرگەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا قارشى «ئوق» — ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇ ئۆزى يەنە قان شىرنىسى ھۈجەيرىسىگە ئايلىنالايدۇ.
13. قان شىرنىسى (Plasma cell)
B لىمفا ھۈجەيرىسىدىن ئايلانغان, ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاھىدە ماسلاشقان «زاۋۇت». ئۇ غايەت زور مىقداردا ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىپ, يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىدۇ.
14. T لىمفا ھۈجەيرىسى (T lymphocyte)
بەدەننىڭ «قوماندانلىق شتابى» ۋە «ئالاھىدە ئەترىتى» بولۇپ, يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى بىۋاسىتە يوقىتىدۇ. ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
15. تەبىئىي قاتىل ھۈجەيرە (Natural killer cell)
ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ «چارلىغۇچى ساقچىسى». ئۇ بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى تېزلىكتە پەرقلەندۈرۈپ يوقىتىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى قان ھۈجەيرىلەر
يۇقىرىدىكى رەسىم بىزگە قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۆڭەك يىلىكىدىكى بىر تال غول ھۈجەيرىدىن باشلاپ, ئىككى چوڭ لىنىيە — يىلىك لىنىيەسى (Myeloid) ۋە لىمفا لىنىيەسى (Lymphoid) بويىچە تەرەققىي قىلىپ, ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان بىر پۈتۈن «ئارمىيە» گە ئايلىنىش جەريانىنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەريان ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە ئىنچىكە كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ, بەدەننىڭ ھەر ۋاقىت ساغلام ھالەتتە بولۇشىنىڭ ئاساسى.
يىلىك لىنىيەسىدىن كەلگەن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بەدەننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ, ھاياتلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. قان پلاستىنكىلىرى بولسا, كىچىككىنە بىر جاراھەت ئېغىزىنىڭمۇ چوڭ قاناشقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. بۇ لىنىيەدىكى نېيتروفىل, بازوفىل ۋە ئېئوزىنوفىل قاتارلىق دانچە ھۈجەيرىلەر بولسا, تۇغما ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى سۈپىتىدە, بەدەنگە تاجاۋۇز قىلغان باكتېرىيە ۋە پارازىتلارغا قارشى دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
لىمفا لىنىيەسىدىن كەلگەن ھۈجەيرىلەر بولسا, بەدەننىڭ تېخىمۇ «ئەقىللىق» ۋە ئالاھىدە بولغان ماسلىشىشچان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. B ھۈجەيرىلەر كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى «ئەستە تۇتۇپ», ئۇلارغا خاسلاشتۇرۇلغان ئانتىتېلالارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. T ھۈجەيرىلەر بولسا, ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى راكقا ئايلانغان «خائىن» ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ يوقىتىدۇ. تەبىئىي قاتىل ھۈجەيرىلەر بولسا, ھېچقانداق ئالدىن تەييارلىقسىزلا خەتەرلىك ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلالايدىغان تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئەترىتىدۇر.
بۇ ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن, قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىشمەسلىكى قان ئازلىقنى; ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورمال كۆپىيىشى ئاق قان كېسىلى (لېيكېمىيە) نى; قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيىشى قاناشقا مايىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا, دائىملىق قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ۋە نىسبىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش, سالامەتلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.
بۇ رەسىم بىزگە قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ ۋە مۇكەممەل بىر سىستېما ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق, بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز خىزمەت قىلىدۇ.