توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، بىز دائىم كۆرۈلىدىغان بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىلىرىگە ئاسانلا سەل قارايمىز. بۇ بىر نەچچە خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇپ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
1. قىزىش: بەزى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، بەدەن دائىم قىزىيدۇ ھەمدە قىزىش ۋاقتى قانۇنىيەتسىز بولىدۇ.
2. ئەسۋە چىقىش: بىمار قىزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىدا ئەسۋە پەيدا بولۇپ، تېرىدە گەۋدىلەنمىگەن قىزىل ئەسۋە ۋە بەزى قاناش ئەسۋىسى، يەلتاشما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى: كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ئورگانىزمنىڭ نورمال مېتابولىزم سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، بىماردا ماغدۇرسىزلىق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش يوللىرىدا بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17842182.shtml