雄性激素, male sex hormone,androgen, ئەرلىك ھورمون ، ئاتىلىق ھورمون
ئەرلىك ھورمون بىلەن ئاتىلىق ھورمون دىگەن بىر مەنىدىكى ئۇقۇم . ئاساسلىقى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى ئەرلىك )ئاتىلىق( بەلگىلەرنىڭ ئالامەتلەرنىڭ يېتىلىشى ھەم شۇ بەلگىلەرنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشىغا تۈرتكە كۈچ بولىدىغان ھورموندۇر .
ئەرلىك )ئاتىلىق( ھورمون ئاساسلىقى ئىسپىرما خالىتىس دا ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىپ ، ئەرلىك كۆپىيىش سىستېمىسى (يەنى ئىسپىرما توشۇش نەيچىسى ، مەزى بېزى ، ئىسپىرماخالتىسى ، سۈيدۈك يولى توپچە بېزى ، سىرتقى كۆپىيىش ئورگىنى) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، مۇكەممەلىنىشى ، ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە خاس بولغان رولىغا ئېگە قىلىپ ، ئۈچىنجى جىنسىي بەلگىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە كۈچ بولىدۇ . ئەرلىك )ئاتىلىق( ھورمون يەنە ئىچكى روھىي كەيپىياتقىمۇ تەسىر قىلىدۇ .
ئەرلىك )ئاتىلىق( ھورمون ئەرلەرنىڭ ئىككىنجى ، ئۈچىنجى جىنس بەلگىلىرى )يەنى بۇرۇت ساقالنىڭ ئۆسۈشى ، ئاۋازنىڭ توم چىقىشى ، بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ چىقىشى ، مەنىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ، ئەرلەرنىڭ گاڭ-گۇڭ بولۇشى ۋەھاكازالار(نىڭ داۋاملىشىشغا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ئەرلىك )ئاتىلىق( ھورمون بالا ھامىلدار ئانىنىڭ قوسقى تۆرەلمە ۋاقتىدىلا ئاجرىتىلىپ چىقىپ ، بالىنىڭ جىنسىي جەھەتتىن قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا رول ئوينايدۇ