قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش يوللىرى رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى ئەڭ ئۈستىدىكى غول قان ھۈجەيرىلىرى نورمالدا سۆڭەك يىلىگىمىز ئىچىدە بولىدۇ. بەدەنگە قايسى قانلار كېرەك بولغاندا، بۇ غول قان ھۈجەيرىسى بەزىلىرى يىلىكتە، بەزىلىرى تۆشتە، بەزىلىرى باشقا ئورگانلىرىمىزدا پىشىپ يېتىلىپ قېنىمىزغا قويۇپ بېرىلىدۇ.
بەدىنىمىزدىكى قان تومۇرلاردا مېڭىۋاتقان قانلارنىڭ تەركىبىدە رەسىمدىكى ئەڭ ئاستىدىكى پىشقان ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.
بۇلار قىزىل قان ھۈجەيرىسى، قان پىلاستىنكىسى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ( ئىشقار خۇمار ھۈجەيرە، كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرە، نىيترال ھۈجەيرە، ب لېمفا، ت لېمفا، تەبىئىي قاتىل ھۈجەيرىلىرى، قان شىرنىسى…) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.